10 قاچا تامىقىڭىزنىڭ 1 قاچىسىدا ئازگال مېيى بولۇشى مۇمكىن

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئاسىيا كىندىكى تورى | ۋاقتى: 2011/09/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋ 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئىلقۇت | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئازگال مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ تەننەرقى ئاران 300 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ شاپاق نەرقى دېيشكە بولىدىكەن. نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، جۇڭگولۇقلار يەۋاتقان ھەر 10 قاچا تاماقنىڭ 1 قاچىسىدا ئازگال مېيى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋال يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق چۆچۈتكەن.
ئالدىنقى ھەپتە، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە، يىغىش-سۈزۈش، يۈزە پىششىقلاپ ئىشلەش، ھايىنىغا سېتىش، يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش قاتارلىق 6 چوڭ ھالقىنىڭ بىرى بولغان ئازگال مېيى قارا ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ زەنجىرى سۇ يۈزىگە قايتا لەيلەپ چىقتى.
دۆلەتلىك يېمەكلىك مېيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ ماي خام ئەشياسى ۋە ماي خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، ۋۇخەن سانائەت ئىنىستىتۇتى يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى خې دوڭپىڭ مۇنداق دەيدۇ: ھازىر دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تاماق ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىدىغان ئازگال مېيى 2 مىليۇن توننىدىن 3 مىليۇن توننىغىچە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىر يىلدا ئىستېمال قىلىدىغان ھايۋانات-ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ ئىستېمال مىقدارى 22.5 مىليۇن توننا. مۇشۇ نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا، بىز يەۋاتقان ھەر 10 قاچا تاماقنىڭ 1 قاچىسىدا ئازگال مېيى بولۇشى مۇمكىن.

 

ئازگال مېيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىنى كۆزەتسەك، ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكىلەر تاشلىۋەتكەن قالدۇق تاماقتىن كەلگەن بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ خىل تاشلاندۇق تاماقنى يىغىپ كېلىپ، قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ يەنە تاماق ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كەلگەن.

ئۇنداقتا، ئازگال مېيىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر