ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ كالورىيەسى ۋە بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجى

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ساغلاملىقىمىزنىڭ يېمەك- ئىچمىكىمىزبىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،  كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرى دائىملىق يەۋاتقان تاماقلارنىڭ ئېنىرگىيىسى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى بىلىشكە قىزىقىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە ئورۇقلاش ئارزۇسىدىكىلەرنىڭ بۇ خىل سوئاللىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم، شۇ سەۋەبتىن مەن بۇيەردە ئۆزەم قول سېلىپ تەييارلىغاچ ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلاپ چىققان، خەلق ياقتۇرۇپ يەيدىغان شۇنداقلا كۆپ يەيدىغان ئۈچ خىل ئۇيغۇر تامىقىنىڭ ئېنىرگىيە (كالورىيە) مىقدارىنى ۋە ئۇنى ھېساپلاش جەريانىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۇندىن كېيىن «ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق مىقدارى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟» ۋە «قوبۇل قىلغان ئېنىرگىيەنى ھەرىكەت بىلەن پارچىلاش» دېگەن تېمىلاردا چۈشەندۈرۈش بېرىمەن.
ئېتىلگەن تاماقلار: لەغمەن،پولو، تۈگرە.
قازان بېشىدا- دىلرۇبا، تارازا قېشىدىمۇ دىلرۇبا
ئەسكەرتىش:
1. ئۇن، گۈرۈچ ۋە باشقا بارلىق خۇرۇچلارنىڭ ئېنىرگىيە قىممىتىنى يەر شارى مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنغان ئۆلچەم بولغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلەتلىك يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ «يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىت ىسانلىق مەلۇمات ئامبىرى» دىن ئالدىم، مەنبە: http://ndb.nal.usda.gov/ndb/search/list
2. كۆكتات ۋە باشقا خۇرۇچلارنىڭ ئېغىرلىقى ساپ، تازىلانغان ھالەتتە ئۆلچەندى، لېكىن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتمىسۇن ئۈچۈن يۇمىدىم.
3. تاماققا ئىشلىتىلىگەن سۇ ۋە تۇزنىڭ ئېنىرگىيەسى نۆل كالورىيە بولۇپ، شۇ سەۋەپلىك ئارتۇق ئېنىرگىيە قوشۇلمايدۇ.
4. تەجرىبە تاماقلار كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ  تاماق ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا مايلىقراق ئېتىلدى، ئۆز ئۇسۇلۇم بويىچە بولسا بۇنچە ماي ئىشلىتىلمىگەن بولاتتى. شۇڭا ئەگەر سىزمۇ مايسىزراق تاماق  قىلىدىغان كىشى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز ئەتكەن تاماقنىڭ ئەمەلىي خۇرۇچ مىقدارىغا ئاساسەن ئېنىرگىيە ھېساپلاپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
5. قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ھېساپلاش جەريانىدا كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى سانلار پۈتۈنلەپ ئېلىندى.
6. بۇ تېمىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، لېكىن تېمىنى كۆچۈرمەڭ، مەزكۇر تېمىنى ياقتۇرۇپ، باشقىلارمۇ مەنپەئەتلەنسۇن دەپ ئويلىغان بولسىڭىز سىزگە كۆپ رەھمەت، ئۇنداقتا  پەقەت ئەسلى تېمىنى ھەمبەھىرلەڭ.
1. پولو


تۆت كىشىلىك پولو ئۈچۈن  ئىشلىتىلگەن خۇرۇچ  ۋە  ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيەسى:
1. قوينىڭ قارا گۆشى 700 گرام،ھەر يۈز گرام قارا گۆشنىڭ ئېنىرگىيەسى 143 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 1001 كىلوكالورىيە.
2. گۈرۈچ 720 گرام، (250 مىللىلىتىرلىق ئىستاكاندا تۆت ئىستاكان چىقىدۇ.) ھەر يۈز گرام گۈرۈچنىڭ ئېنىرگىيەسى 360 كىلو كالورىيە،جەمئىي ئېنىرگىيە 2592 كىلو كالورىيە.
3. قىچا مېيى 300 مىللىلىتىر،ھەر يۈز گرام قىچا مېيىنىڭ ئېنىرگىيەسى 884 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 2652 كىلوكالورىيە.
4. بىر باش قىزىل پىياز 170گرام، ھەر يۈز گرامدىكى ئېنىرگىيە 40 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 68 كىلو كالورىيە.
5. سەۋزە 370 گرام، ھەر يۈزگرامىدىكى ئېنىرگىيە 41 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 152 كىلو كالورىيە.
خۇلاسە: ئېتىلگەن پولونىڭ ئومۇمى ئېنىرگىيەسى 6465 كىلو كالورىيە بولۇپ، بۇنى تۆتكە بۆلسەك، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئېنىرگىيە 1616 كىلو كالورىيە. (ئاشنى قانچە كىشى يېسە شۇنچىگە بۆلسەك، ئوتتۇرىچە قىممەتكە ئېرىشەلەيمىز. سۈرەتتىكى بىر تەخسە ئاشنىڭ گۆش بېسىلمىغان ھالەتتىكى ساپ ئېغىرلىقى850 گرام، ئىككى كىشى تويىدۇ دەپ پەرەز قىلدىم.)
ئەمدىكىسى سالاتنىڭ ئېنىرگىيەسى:
سۈرەتتىكى بىر تەخسە سالاتنى تەييارلاش ئۈچۈن كەتكەن خۇرۇچلار:
1. بىر دانە شوخلا 110 گرام،ھەر يۈز گرام شوخلىنىڭ ئېنىرگىيەسى 18 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 20 كىلو كالورىيە.
2. تەرخەمەك 210 گرام، ھەر يۈزگرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 15 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 32 كىلو كالورىيە.
3. سالات يوپۇرماقلىرى، كىچىك پالەك قاتارلىق كۆكتاتلاردىن 50 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 14 كىلو كالورىيە،جەمئىي ئېنىرگىيە 7 كىلو كالورىيە.
4. بىر دانە كۆك مۇچ 40 گرام،ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 40 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 16 كىلو كالورىيە.
5. بىر ئاش قوشۇقى زەيتۇن مېيى،ھەر ئاش قوشۇقى (13.5 گرامغا توغرا كېلىدۇ) زەيتۇن مېيىنىڭ ئېنىرگىيەسى 119 كىلو كالورىيە.
6. بىر ئاش قوشۇقى جاڭيۇ، ھەرقوشۇق جاڭيۇنىڭ ئېنىرگىيەسى 11 كىلو كالورىيە.
7. ئىككى ئاش قوشۇقى ئاچچىقسۇ،ھەر قوشۇق ئاچچىقسۇنىڭ ئېنىرگىيەسى 14 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 28 كىلو كالورىيە.
خۇلاسە: بىر تەخسە سالاتنىڭ ئومۇمىي ئېنىرگىيەسى 233 كىلو كالورىيە، سۈرەتتىكى بىر تەخسە سالات ئىككى كىشىگە  يېتىدۇ دەپ ھېساپلىساق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئېنىرگىيە 116 كىلو كالورىيە.
2.تۈگرە
55 دانە تۈگرە ئۈچۈن  ئىشلىتىلگەن خۇرۇچ ۋە ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيەسى:
1. بۇغداي ئۇنى 340گرام، ھەر يۈز گرام بۇغداي ئۇنىنىڭ كالورىيەسى 364 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 1238 كىلو كالورىيە.
2. قىيما خۇرۇچلىرى:
2.1 قوينىڭ %15 ماي، %85 قاراگۆشى بولۇپ 300 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 255 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە765 كىلو كالورىيە (ماي ئارىلاشمىغان قارا گۆش بىلەن بولغان ئېنىرگىيە پەرقىگە دىققەتقىلىپ قويۇڭ!)
2.2 مايلىق بەسەي 550 گرام،ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 13 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 72 كىلو كالورىيە.
2.3 قارىمۇچ ئىككى بال قوشۇقى،ھەر بال قوشۇقى (2.3 گرامغا توغرا كېلىدۇ.) قارا مۇچنىڭ ئېنىرگىيەسى 6 كىلو كالورىيە،جەمئىي ئېنىرگىيە 12 كىلو كالورىيە.
2.4 ئاقمۇچ بىر بال قوشۇقى،ھەر قوشۇقنىڭ ئېنىرگىيەسى 7 كىلو كالورىيە.
2.5 زىرە يېرىم بال قوشۇقى،ھەر قوشۇقنىڭ ئېنىرگىيەسى 8 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 4 كىلو كالورىيە
خۇلاسە: ئومۇمىي ئېنىرگىيە 2098كىلو كالورىيە، بۇنى 55 دانە تۈگرىگە بۆلسەك، ھەر بىر دانە تۈگرىنىڭ ئېنىرگىيىسى38 كىلو كالورىيە.
 3.لەغمەن

بىر كىلوگرام  پىلتە (بەش كىشىلىك لەغمەن) ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خۇرۇچ ۋە ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيەسى:
1. بۇغداي ئۇنى 670 گرام، ھەر يۈز گرام بۇغداي ئۇنىنىڭ كالورىيەسى 364 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 2440 كىلوكالورىيە.
2. قورۇما خۇرۇچلىرى:
2.1. قىچا مېيى 200 مىللىلىتىر،ھەر يۈز گرام قىچا مېيىنىڭ ئېنىرگىيەسى 884 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 1768 كىلوكالورىيە.
2.2. قوينىڭ قارا گۆشى 200 گرام،ھەر يۈز گرام قارا گۆشنىڭ ئېنىرگىيەسى 143 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 286 كىلوكالورىيە.
2.3. بىر دانە غولپىياز 37 گرام،ھەر يۈز گرام غولپىيازنىڭ ئېنىرگىيەسى 34 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 13 كىلوكالورىيە.
2.4. بىر بوغۇم زەنجىۋىل 20 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 80 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 16 كىلو كالورىيە.
2.5. ئىككى دانە شوخلا 225 گرام،ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 18 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 41 كىلو كالورىيە.
2.6. بىر دانە بەرەڭگە 145 گرام،ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 77 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 112 كىلو كالورىيە.
2.7. باقىلا (جاڭدو) 125 گرام،ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 47 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 59 كىلو كالورىيە.
2.8. يېسىۋىلەك 200 گرام، ھەريۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 16 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 32 كىلو كالورىيە.
2.9. كەرەپشە 120 گرام، ھەريۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 16 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 19 كىلو كالورىيە.
2.10. ئۈچ دانە كۆكمۇچ 100 گرام،ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 40 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 40 كىلو كالورىيە.
2.11. سامساق 25 گرام، ھەر يۈزگرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 149 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 37 كىلو كالورىيە.
2.12. بىر ئاش قوشۇقى جاڭيۇ،ھەر قوشۇق جاڭيۇنىڭ ئېنىرگىيەسى 11 كىلو كالورىيە.
2.13. ئىككى ئاش قوشۇقى قىزىلمۇچ چانالمىسى، ھەر قوشۇقىنىڭ ئېنىرگىيەسى 3 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 6 كىلو كالورىيە.
خۇلاسە: ئومۇمىي ئېنىرگىيەن 4880 كىلو كالورىيە، بۇنى بەش تەخسىگە بۆلسەك، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئېنىرگىيە  976  كىلو كالورىيە.
(سۈرەتتىكى لەغمەن بىر كىشىلىكدەپ مۆلچەرلەندى، يەنى 200 گراملىق بىر پىلتىدىن تەييارلانغان ئاش.
ئادەمنىڭ كۈندىلىك تاماق مىقدارى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
بىر كىشىنىڭ ئېنىرگىيە ئېھتىياجى ئادەتتە ئەر- ئايال جىنىس ئايرىمىسىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغاندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ياش- قورامى- مەسىلەن،ئۇ ھازىر ئۆسۈپ- يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بالىمۇ؟شۇغۇللىنىدىغان كەسپى- ئىشخانىدا ئەقلى ئەمگەك قىلغۇچىمۇ ياكى جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىمۇ؟بەدەن قۇرۇلمىسى- تۇغۇلۇشىدىن بەستلىك، يوغان كەلگەنمۇ ياكى نورمال تەن، ئوتتۇرا بويمۇ؟ياشىغان جاينىڭ ھاۋا كىلىمات ئالاھىلىدىكى قانداق؟سالامەتلىك ئەھۋالى قانداق...قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ.
پەرىزىمچە، مۇشۇ تاپتا مۇشۇ يازمىنى كۆرۈپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يېنىك جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر قاتارىغا كىرىدۇ.   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، نورمال - يېنىك جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق ساغلام ئايالنىڭ كۈنلۈك ئېنىرگىيە قوبۇل قىلىش مىقدارى 1800- 1900 كىلو كالورىيە ئەتراپىدابولسا، ئەرلەرنىڭ 1980- 2340 كىلو كالورىيە ئەتراپىدا بولسامۇۋاپىق.
ئەمدى يۇقىرىدا ئۆلچەپ چىققان تاماقلىرىمىزنىڭ ئېنىرگىيە مىقدارىغا قاراپ باقايلى:
بىر تەخسە پولو 1600 كىلو كالورىيەدىن ئارتۇق، كۆكتات ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنغان 16 دانە تۈگرىنىڭ ئۆزىلا 600 كىلو كالورىيە،يەنى بىر ۋاق تاماق شۇنچىلىك بولسا كۇپايە دېگەن گەپ، بىر تەخسە لەغمەننىڭ ئېنىرگىيەسى1000 كىلو كالورىيەگە ئازلا قالىدۇ، تېخى ئەگەر سىز تېخى شۇ بىر تەخسە بىلەن بولدى قىلىدىغان ئادەم بولسىڭىز.
نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشنىڭ يولى- ئۆزىمىز يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق قوبۇل قىلغان ئېنىرگىيىمىز بىلەن جىسمانىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىغان ئېنىرگىيەنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش دېمەكلىكتۇر. يەنى، زىيادە قوبۇل قىلىپ، ئاز ئېنىرگىيە خوراتسىڭىز سېمىزلىككە دۇچار بولىسىز. ئەكسىچە، ئوزۇقلۇق مىقدارى ئاز، ھەرىكەت مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە، زىيادە ئورۇقلۇق، زەئىپلىك، بەدەنگە قۇۋۋەت كامچىل بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر