يازدا زەنجىۋىلنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

   ياز پەسلىدە بەزى كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ھېچقانداق نەرسىگە كۆڭلى تارتماي، تېنى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، زەنجىۋىل ئۆزگىچە تەمگە ئىگە بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىشتىھانى ئاچىدىكەن. ھازىرقى زامان مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زەنجىۋىلنىڭ قان ئايلىنىشنى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش رولى بار ئىكەن، شۇڭا، ياز پەسلىدە تۆۋەندىكى كىشىلەر زەنجىۋىلنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك:


1. ھاۋا تەڭشىگۈچتە سالقىنلايدىغانلار. ئۇزاق مۇددەت ھاۋا تەڭشىگۈچتە سالقىنلىغاندا تەر چىقمايدىغان بولغاچقا، باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدىكەن. بۇنىڭدا ئۈچ ياپراقچىدىن بەش ياپراقچىگىچە زەنجىۋىلنى قايناق سۇغا چىلاپ قىزىق پېتى ئىچىپ بەرسە ياكى زەنجىۋىل ئۇمىچى ئىچىپ بەرسە ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى داۋالىغىلى بولىدىكەن.
2. ئاشقازىنى سوغۇق كىشىلەر: ياز پەسلىدە سوغۇق ئىچىملىك ۋە مېۋە – چىۋىلەر ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. بىراق ئاشقازىنى سوغۇق كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ يېمەكلىكلەر ئۇلاردا ئاشقازان ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن. جۇڭگو تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زەنجىۋىلنىڭ تەمى قاڭسىق، مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان ئاشقازان ئاغرىش، ياندۇرۇش ۋە سوغۇققا ئۇچراشتىن كېلىپ چىققان قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدىكەن. ئاشقازىنى سوۋۇپ كەتكەن كىشىلەر ئەتىگەندە زەنجىۋىل سۈيى ئىچسە ئاشقازاننى ئىللىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
3. ئاپتوموبىلدا ئولتۇرسا بېشى قايىدىغان كىشىلەر. ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىككى پارچە زەنجىۋىلنى ئاغزىغا سېلىۋالسا ياكى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا زەنجىۋىلنى شۈمۈپ ئولتۇرسا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. زەنجىۋىل يەنە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇشنى ئازايتىدىكەن، قولى ۋە پۇتىنىڭ ئالقىنى قىزىيدىغان، قەۋزىيەت بولۇپ قالغان كىشىلەر زەنجىۋىل ئىچىشكە ماس كەلمەيدىكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر