ئامېرىكىدا ئاچچىقسۇ بىلەن ئورۇقلاش مودا بوپتۇ، رېتسېپى مانا

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاچچىقسۇ ئىنتايىن ياخشى ئورۇقلاش ئىچىملىكى، شۇڭا ئامېرىكىدا ئاچچىقسۇ ئىچىپ ئورۇقلاش مودا، چۈنكى تاماقتىن كېيىن 10 - 20 مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ ئىچسە، بىر ئايدا تۆت جىڭ ئەتراپىدا ئورۇقلىغىلى بولىدىكەن. دېمىسىمۇ ئاچچىقسۇدىكى ئامىنو كىسلاتا ياغنىڭ بىرىكىشىنى توسۇپ، بەدەندىكى ياغنى خورىتىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئاچچىقسۇ ئىچىپ ئورۇقلاش قائىدىسىگە ئاساسەن، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش رېتسېپىنى تۈزۈپ يولغان قويغان.
1. سېرىق پۇرچاق + ئاچچىقسۇ


ماتېرىيالى: سېرىق پۇرچاق 250 گىرام، پۇراقلىق سىركە 500 گىرام.
ياساش ئۇسۇلى: سېرىق پۇرچاقنى پاكىز يۇيۇپ، قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا قورۇيمىز، سوۋۇغاندىن كېيىن بوتۇلكا ئىچىگە سېلىپ، خۇش پۇراق ئاچچىقسۇغا 10 كۈن چىلاپ قويىمىز.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقنى تىزگىنلەپ، ھەرىكەت بىلەن بىرلەشتۈرسە ئۈچ ئايدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.
ئۈنۈمى: ياغنى سېرىپ ئورۇقلىتىش.
ماس كېلىدىغانلار: سېمىز ۋە قېنى ياغلىق، جىگىرىنى ياغ قاپلىغان كىشىلەر.
2. يەر ياڭىقى + ئاچچىقسۇ

ماتېرىيالى: يەر ياڭىقى مېغىزى 300 گىرام، پۇراقلىق سىركە 500 گىرام.
ياساش ئۇسۇلى: خاسىڭ مېغىزىنى پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتىمىز، ئاندىن بوتۇلكا ئىچىگە سېلىپ، خۇش پۇراق ئاچچىقسۇغا سەككىز كۈن چىلاپ قويىمىز.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە بىر قېتىم، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساق ھالەتتە خاسىڭ مېغىزىدىن 15 تال ئۇدا ئۈچ ئاي ئىستېمال قىلساق ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئۈنۈمى: قاندىكى ياغنى سېرىپ، ئورۇقلىتىدۇ.
ماس كېلىدىغانلار: سېمىزلىك، ئارتېرىيە قېتىشىش، قېنى ياغلىق كىشىلەر.
3. تەرخەمەك + ئاچچىقسۇ

ماتېرىيالى: تەرخەمەك 1000 گىرام، خۇش پۇراق سىركە 1200 گىرام، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز.
ياساش ئۇسۇلى: تەرخەمەكنى پاكىز يۇيۇپ، پارچىلىغاندىن كېيىن، 30 مىنۇت تۇزلاپ، سۈيىنى قۇرىتىمىز. ئاندىن بوتۇلكا ئىچىگە سېلىپ، خۇش پۇراق ئاچچىقسۇغا بەش كۈن چىلاپ قويىمىز.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە ئىككى قېتىم، بىر قېتىمدا 100 گىرام. ئۇدا ئۈچ ئاي تاماقنى تىزگىنلەپ، ھەرىكەت بىلەن بىرلەشتۈرسە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.
ئۈنۈمى: قاندىكى ياغنى سېرىپ، ئورۇقلىتىدۇ.
ماس كېلىدىغانلار: سېمىزلىك، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلى بارلار، قېنى ياغلىق كىشىلەر.
4. ئالما + ئاچچىقسۇ


ماتېرىيالى: ئالما 600 گىرام، خۇش پۇراق سىركە 500 گىرام.
ياساش ئۇسۇلى: ئالما پوستىنى سويۇۋېتىپ، يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن پارچىلاپ، بوتۇلكا ئىچىگە سېلىپ، خۇش پۇراق ئاچچىقسۇغا بەش كۈن چىلاپ قويىمىز.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 گىرام. ئۇدا ئىككى ئاي ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئۈنۈمى: ئىسسىقنى قايتۇرۇپ خىلىت پەيدا قىلىش، ھۆسن تۈزەش، ئورۇقلىتىش.
ماس كېلىدىغانلار: سېمىزلەر، قېنى ياغلىق كىشىلەر.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر