مۇزدەك ئىچىملىك جانغا ھوزۇر، ئەمما ئەزالارنى 3 ھەسسە...

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئۆزىڭىزنى ھەردائىم بىلىپ بىلمەي سەمىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلامسىز؟
ئادەتتە ھەرخىل يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ يەنە ئۆزىڭىزنى بىلمەمسىز؟

قېنى كۆرۈپ بېقىڭ:
①سۈت كسلاتا باكتېرىيەلىك ئىچىملىكلەر
سىز "ماي مىقدارى 0" دېگەن گەپكە ئىشىنەمسىز؟

②ئاپېلىسىن شەربىتى
 سىزچە مېۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرىنىڭ ھەممىسى ساپ مېۋە شەربىتىمىدۇ؟

③تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرى
بۇ ئىچىملىكلەرنى پەقەتلا روھىنى ئۇرغۇتۇپ كۈچ بېغىشلايدۇ دەپ قارامسىز؟

ئورۇقلاش ھەقىقەتەنمۇ بىر مەيدان جەڭ.
بىز يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەن ۋاقتىمىزدا، چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ مەركىزىدە غىدىقلىنىش پەيدا بولىدۇ، ۋە ئىلگىرلىگەن ھالدا خۇشاللىق ھېس قىلالايمىز.
يېقىندا ئامېرىكا يۈرەك-ئۆپكە-قان تومۇر  كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ   تەتقىقاتچىلىرى 1000 نەپەر كىشى ئۈستىدىن ئۇدا 6 يىل ئىشلىگەن بىر تۈرلۈك   تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.


مەزكۇر  دوكلاتتا، ھەر كۈنى دېگۈدەك تەركىبىدە قەنت بولغان ئىچىملىكلەرنى ياكى  گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىكى ماينىڭ مىقدارى 6  يىلدىن كېيىن 852 مىللىلىتىر ئۆرلەپ، ئەزەلدىن ئىچمەيدىغان ياكى بەك ئىچىپ   كەتمەيدىغانلارنىڭكىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى چىققان. دېمەك، تەركىبىگە قەنت  قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنى دائىم ئىچكۈچىلەرنىڭ قان ۋە باشقا ئەزالىرىدىكى  ماينىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئارتىپ، ساغلاملىقىغا يوشۇرۇن خەۋپ  تۇغدۇرىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر