گۈرۈچ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە كىراخمال ناھايىتى مول بولۇپ، ئۇ ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىق ئادەتتىكى كۆكتاتلاردىن خېلىلا يۇقىرى. شۇڭا ئوزۇقلۇق ئىلمىدە گۈرۈچ ئاساسلىق يېمەكلىك سانىلىدۇ.


 جۇڭيى تېبابىتىدە گۈرۈچ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق زىرائەت بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ھۆللۈكنى ھەيدەپ، سۈيدۈك ئاجرىتىشقا پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ، ئاساسلىقى ئىچى سۈرۈش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبىدىن قارىغاندا گۈرۈچ تەركىبىدە ئاقسىل، كاروتىن، لىئۇلىتىن پىگمېنتى، زېئاكسانتىن، فوسفور، ماگنىي، كالىي، سىنك قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى بار.
 قېرىلىق سېرىق دېغى كۆز قېرىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك بولۇپ، ئېغىرلاشقاندا كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. تېببىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا لىئۇلىتىن پىگمېنتى، زېئاكسانتىن قاتارلىقلار قېرىلىق دېغىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. كۆپ مىقداردا لىئۇلىتىن پىگمېنتى، زېئاكسانتىن ئىستېمال قىلغاندا قېرىلىق دېغى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كېسەللىكنى %34 ئازايتقىلى بولىدىكەن، شۇڭا گۈرۈچ كۆز قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
 بۇنىڭدىن سىرت گۈرۈچ تەركىبىدە ياغدا ئېرىگۈچى ۋىتامىنلار مول، شۇڭا گۈرۈچ تامىقى ئەتكەندە ياغ قوشۇپ پىشۇرساق گۈرۈچتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر