ھەسەل بىلەن بۆرەك قۇۋۋەتلەش، جىگەرنى ياشارتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ھەسەلنىڭ ياخشى يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ، دائىم ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرگەندە زەھەرنى تازىلاپ رەڭگىنى نۇرلاندۇرۇشتىن سىرت، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، يەنە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۇزۇن ۋاقىت ھەسەل سۈيى ئىچىپ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتەلمەيۋاتىدۇ، بۇ قانداق سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟ جاۋابى چوقۇم توغرا نەرسە بىلەن ماسلاشتۇرۇلماي ئۇسۇلنى خاتا ئىشلىتىپ قويغان!


جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە: ھەسەلنى ئوخشىمىغان نەرسە بىلەن ماسلاشتۇرغاندا ھۆسىننى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي يەنە زەھەرنى تازىلاپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۆۋەندىكى نەچچە خىل ماسلاشتۇرۇلغاننى دوختۇرلار دائىم ئىچىدۇ، سىزمۇ سىناپ بېقىڭ، زىيىنى يوق.
1. ھەسەل+سامساق

1. قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ: ھەسەلگە چىلانغان سامساق بولسا قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدىغان ئۆتكۈر قورال. قاندا ماي يۇقىرىلار دائىم ئىچىپ بەرسە چوڭ ياردىمى بولىدۇ.
2. سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرىدۇ: بۆرەك ياخشى بولمىغانلىقتىن ئاسان ئىششىق پەيدا بولۇپ قالىدىغان دوستلىرىمىز ھەسەل بىلەن سامساقنى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە بۆرەكتىكى ياللۇغلىنىشنى يوقىتىدۇ ۋە بەدەندىكى ئىششىيدىغان ئەھۋالنى ناھايىتى ئاسان ياخشىلايدۇ، كەچلىك تاماقتىن كېيىن يېسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى.
3. ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاسانلا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، ھەسەل بىلەن سامساق تەركىبىدە مول بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بار بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئۈنۈملۈك ھالدا قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ھەسەل+ئالقات

1. تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: تارقىلىشچان زۇكام كۆپ تارقىلىدىغان پەسىللەردە دائىم ئالقاتنى ھەسەل بىلەن دەملەپ ئىچكەندە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ھەرخىل تاقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. ئېغىز بىلەن تىلغا جاراھەت چىقىش: ئادەمنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە ئېغىز بىلەن تىلغا جاراھەت چىقىپ قالىدۇ، ھەسەل بىلەن ئالقاتنى دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، كەينى كەينىدىن نەچچە قېتىم ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
3. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ: دائىم تېلىفۇنغا قاراش ئاسانلا كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئالقات بولسا ناھايىتى ياخشى بولغان كۆز ئاسراش رولىغا ئىگە، ھەسەل بىلەن دەملەپ ئىچكەندە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
3. ھەسەل+زەنجىۋىل

1. گەل ۋە يۇتقۇنچاق ياللۇغلىنىش: ھاۋانىڭ ئىسسىشى بىلەن ئادەم بەدىنىدە ئاسانلا گەل ۋە يۇتقۇنچاقتا ئىششىپ ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ، زەنجىۋىلنى ھەسەلگە چىلاپ ئىچكەندە ئىسسىق ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ياللۇغنى ھەيدەپ ئىسسىقنى باسىدۇ، تېز سۈرئەتتە گەل ۋە يۇتقۇنچاقتىكى ياللۇغنى قايتۇرىدۇ.
2. ھەيز دەۋرىدىكى نورمالسىزلىق: ھەيز دەۋرىدىكى نورمالسىزلىق قىزلارغا ناھايىتى جىق ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن قورساق مۇجۇپ ئاغرىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىقلار، زەنجىۋىلنى ھەسەلگە چىلاپ ئىچىپ بەرگەندە قىزلاردىكى ھەيز قالايمىقانلىشىشنى تەڭشەيدۇ.
3. جىگەرنى ئاسرايدۇ: جىگەردىن چىققان مەسىلىنىڭ ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى جىق، زەنجىۋىلنى ھەسەلگە چىلاپ ئىچىپ بەرگەندە جىگەرنى قوغداپ ئاسرايدۇ، دائىم ئىچىپ بەرسە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ئىچكەندىنمۇ پايدىلىق ۋە ئۈنۈملۈك.
4. ھەسەل+سۈت

1. ئۇيقۇغا پايدىسى بار: نېرۋا ئاجىزلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە كۆپ چۈش كۆرۈش نۇرغۇن دوستلارنى قىيناۋاتىدۇ. ھەسەل بىلەن سۈت بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاپ چىقىرىشتىن باشقا نېرۋىنى تېنچلاندۇرىدۇ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
2. بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىق: ھەسەل ۋە سۈت تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل ۋە تۆمۈر ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئوزۇقلاپ تولۇقلاش بىلەن بىرگە قاننىمۇ تولۇقلايدۇ، كەچتە ئىچىپ بەرگەندە بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىق ئەھۋاللىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ياخشىلايدۇ.
3. تال ۋە ئاشقازان ئاجىز بولۇش: بەدىنى ئورۇق ۋە ئاجىز كەلگەن دوستلار كۆپىنچىسى تال ۋە ئاشقازىنىدىكى ئاجىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەسەل بىلەن سۈتنى دائىم بىرگە ئىچىپ بەرگەندە تال ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوزۇقلۇق قۇبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ.
5. ھەسەل+يېشىل چاي

1. ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ: تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئادەملەردە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرگە ئۇچرايدۇ، ھەسەلگە يېشىل چاينى قوشۇپ ئىچكەندە ئىسسىقنى ياندۇرۇپلا قالماي كەيپىياتنىمۇ ياخشىلايدۇ.
2. دانىخورەك ۋە قالغان ئىزنى يوقىتىدۇ: دائىم ھەسەل بىلەن يېشىل چاينى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە يۈز تېرىسىدىكى دانىخورەكنى ياخشىلايدۇ.
3. غىدىقلىنىشنى پەسەيتىدۇ: دائىم ھەسەل بىلەن يېشىل چاينى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە تېرىگە بولغان رىئاكسىيەنى ياخشىلايدۇ.
ساختا ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!
پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى: ئىنچىكە تۆمۈر سىمدىن بىرنى ئېلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ قىزارغاندىن كېيىن ھەسەلنىڭ ئىچىگە تىقىمىز. ئەگەر يېشىل ئىس چىقىپ گۈل ۋە مېۋىلەرنىڭ پۇرىقى پۇرىسا بۇ تەبىئىي ھەسەل بولىدۇ. ئەگەر كۆيۈك پۇرىقى پۇرىسا بۇ شېكەر ئارىلاشتۇرۇلغان ساختا ھەسەل بولىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر