ئۈجمىنىڭ خاسىيەتلىرى ۋە بىرقانچە ئاددىي شىپالىق رېتسېپلار

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئۈجمە ئەتىياز كىرىپ ھاياتلىق ئويغانغاندىن كېيىن ئەڭ دەسلەپ كىشىلەرنىڭ ئېغىزى تېگىدىغان، خەلقىمىز ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان، ھۆل ۋە قۇرۇتقاندىن كېيىنمۇ ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان داڭلىق مېۋە. جانلىقلار تەبىئىتىنىڭ بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زەئىپ ۋاقتىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ھالىدىن كېتەي دېگەندە تۇنجى ئېغىر تېگىدىغان بۇ مېۋىدە ھەقىقەتەنمۇ خاسىيەتلەر كۆپ. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەردىن رەتلەپ تەييارلىغان بۇ سوۋغا ئۈجمە ئورنىدا كۆپچىلىككە سۇنغان تاتلىق داستىخىنى بولۇپ قالغاي. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن دوستلارنىڭ كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئۈجمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋىتامىن A، B، C، گىلۇكوزا، ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، تانىن كىسلاتاسى، كالتسىي ۋە ئانورگانىك تۇزلار بار. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىق ئاق ئۈجمە، قارا ئۈجمە، شاتۇت قاتارلىق سورتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئاق ئۈجمە ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى


ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، بەزى كىتابلاردا مۆتىدىل دەپمۇ كۆرسىتىلگەن
ئۈجمە مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C، B، A، PP، گلۇكوزا، پىراكتوزا، ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، تاننىن، كالتىسىي ۋە ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار بار، ئۇلار جىگەر كېسەللىكى، بەدەن ئاجىزلىقى، قان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، تال كىسەللىكى ۋە ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سەمرىتىشنىڭ شىپالىق دورىسى ھېسابلىنىدۇ.
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، جىگەر ھەم بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ، ئىچكى ئەزانى قۇۋۋەتلەيدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ئىچ قېتىشنى داۋالايدۇ، كەم قانلىق، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆز قاراڭغۇلىشىش كېسىلىگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ. ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىدا گلۇكوزا ۋە ئورگانىك كىسلاتا بار. ئۇنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق دەپ قارىلىدۇ. ئۇ يەل تارقىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، كۆزنى روشەن قىلىش، ئىسسقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى، كۆزنىڭ قىزىللىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ. ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدا ئامرىن، گلۇكوزا، رىزىنناتنتول قاتارلىق ماددىلار بار. ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق دەپ قارىلىدۇ، ئۇ دەم سىقىلىشنى، قورساق كۆپۈشنى، سۇلۇق ئىششىقنى، قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش رولىغا ئىگە.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﮔﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻰ، ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮔﺎﻝ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﺗﻘﯘﻧﭽﺎﻕ، ﺑﺎﺩﺍﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺗﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﻮﺭﯗﻗﻠﯩﻘﻰ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ....ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﺯﯨﺮﻩ، ﺟﺎﯞﺍﺭﯨﺶ ﻛﯘﻣﯘﻧﻰ
ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ: ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯜﺟﻤﻪ
ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى ئۇزاق مۇددەت قاينىتىلىپ ئىچىپ بېرىلسە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىدا مول مىقداردىكى تاننىن ماددىلىرى بار، ئۇنىڭ يېڭى چىققان، چاتالمىغان، يوپۇرماقسىز نوتا شاخلىرى ئۇششاقلىنىپ، قاينىتىلىپ قويۇقلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، سوغۇق يەلنى يوقىتىپ، بوغۇملارنى ياخشىلايدۇ، رېماتىزىم، پىللاگرا، پۇت- قول قولىشىشلارنى داۋالايدۇ، قاندىكى يەلنى تۈگىتىپ، بەش ئەزانى ياخشىلايدۇ.
قارا ﺋﯜﺟﻤﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ رولى

ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ، بەزى كىتابلاردا ئىسسىق دەپمۇ كۆرسىتىلگەن
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ، ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﺗﻪﺑﺌﻪﺗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ، ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻳﯧﻠﺘﯩﺰﻯ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﺯﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﺕ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﮔﺎﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﻣﯘﺩﯗﺭ-ﭼﺎﻗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﻛﯚﭖ ﺋﯘﺳﺴﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﭘﻪﻱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﺭﯗﻡ ﺑﻪﺩﯨﻴﺎﻥ
ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ: ﭼﯩﻘﯩﺮ ﺋﯜﺯﯛﻡ
ئۇنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن پىلە قۇرتى بېقىلىپ يىپەك ئىشلەپچىقىرىلغاندىن باشقا، مېۋىسى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن دورىلىق رول ئوينايدۇ. قارا ئۈجمە راسا مەي بولۇپ پىشقاندا ئۇنى ئوبدان قاينىتىپ، شىرنە قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە، قان كەملىك كېسەلىكى شىپا تاپىدۇ. قارا ئۈجمە شىرنىسى يەنە بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، بەدەندىكى ھەرخىل توسالغۇلارنى ئېچىپ، قان تومۇرنى تازىلايدۇ، تال، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىپ راۋانلاشتۇرىدۇ. بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان قان تۈكۈرۈشلەرگە شىپا بولىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقى چېيى

ئۈجمە يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنى قوغداپ، ئىنسۇلىننىڭ نورمال ئاجىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە يۇقىرى قان بېسىمنى ياخشىلاپ خولىستېرىن ۋە تىرىگلىتسېرىدنى ئازايتىدۇ. ئۈجمە يوپۇرمىقى چېيىنى تاماقتىن بۇرۇن ئىچىپ بەرسە تاماقتىن كىيىن قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ. تاماقتىن كىيىن ئىچسە بۇ خىل رولى بولمايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتتا، ئۈجمە يوپۇرمىقىدىكى ئالاھىدە تەركىب 1-DNJ پولىساخارىدنى پارچىلاپ، گىلىكوزىدنى گلۇكوزىدازاغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق قان شىكىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى تىزگىنلەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
دىيابېت كېسەللىكىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك رېتسىپ
ئۇجمە ياپرىقى 15گىرام، پىلە قۇرتى 30 گىرام، ئۈجمە يىلتىزى پوستى 10 گىرام ئېلىپ، قۇرۇتۇپ يۇمشاق سۇقۇپ، ساپ ھەسەل بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قېلىپ بەرسە دىيابېت كېسەللكنى كونترول قىلىدۇ، تەجرىبىدىن ئۆتكەن.
قان سۇيۇلدۇرۇش، نەپەس يولنى ياخشىلاش، قان تومۇرنى كېڭەيتىش رېتسىپى
ئاق ئۈجمە يىلتىزى 400 گىرام، چۈچۈك بۇيا يىلتىزى 6 گىرام، يۇقىرىقى ئىككى خىل دورىنى 1.5 كىلو سۇ بىلەن قاينىتىپ، 1.2 كىلو قالغاندا تۆۋەندىكى دورىلارنى سېلىپ ئىچىمىز. قارا ئۆرۈك قېقى 100 گىرام، شاپتۇل قېقى 100 گىرام، چىلان 100 گىرام، ئالقات 5 گىرام، سەۋزە ئۇرۇقى10 گىرام.
يۇقىرىقى دورىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلىپ قاينىتىپ ئېچىلىدۇ.
قان بېسىمنى داۋالاشتىكى شىپالىق رېتسىپ
بىرىنچى رېتسىپ: ئاق ئۈجمە يىلتىزىدىن 500 گىرامنى 2 كىلو سۇ بىلەن قاينىتىمىز. چۈچۈك بۇيا يىلتىزىدىن 5 گىرام، قىزىل پىيازدىن 10 گىرام، باچكا كەپتەردىن بىرنى (ئۇششاق چاناپ) زىرە 4 گىرام،  ھېلىلە 3 گىرامنى  سوقۇپ ئۇن قىلىپ سېلىپ قاينىتىمىز. ھۆل ياڭاقتىن 15تال (پوستنى ئېلىۋېتىپ)، سەركىنىڭ گۆشىدىن  300 گىرامنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سۈيىنى ھەم گۆشنى يۇقارقى دورا بىلەن قوشۇپ يەيدۇ. شاپتۇلدىن كۆپرەك ئىستېمال قىلنىدۇ. مۇشۇ رېتسىپ بويىچە 10 كۈن دورا تەييارلاپ يەيدۇ.
ئىككىنچى رېتسېپ: شاتۇت ۋە قارا ئۈجمىنى شارابقا چىلاپ ئاپتاپتا بىر ئاي قويغاندىن كېيىن ھەر كۈنى 50 گىرامدىن ئىككى ۋاق ئىستېمال قىلسا، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. ھەر خىل بوغۇم ياللۇغى، رىماتىزىم قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش شەربىتى
ئاق ئۈجمە سۈيىنى قازانغا تۆكۈپ پەس ئوتتا 15 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر سېلىپ، ئېرىپ سوۋۇغاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈزۈلدۈرۈپ، شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ماغدۇرسىزلىق، قان ئازلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رېتسېپى
500 گىرام ئۈجمە شىرنىسىغا 100 گىرام كىراخمال ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ھالۋىدىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرام ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۆرەكنى سەمرىتىدۇ.
قورساق ئاغرىقى، بالىياتقۇ كېسىلىگە شىپالىق رېتسېپ
قۇرۇتۇلغان 200 گىرام قارا ئۈجمىگە 200 گىرام ئوغرى تىكەن، 50 گىرام دارچىن، 50 گىرام زەنجىۋىل ۋە ئېگىر، جۇۋىنە، ئارپىبەدىيانىڭ ھەر قايسىسىدىن 100 گىرام ئارىلاشتۇرۇپ، چالا سوقۇپ، ئاندىن 5 كىلوگىرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرامدىن ئىستېمال قىلسا، سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىقى، مەيدە ئاغرىش، بالىياتقۇ كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
باش ئاغرىقى، سۈيدۈك راۋان بولماسلىقنىڭ رېتسېپى
مەلۇم مىقداردىكى شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ قىيام قىلىۋالغاندىن كېيىن، ھۆل ياكى قۇرۇق شاتۇتنى سېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ، كۈندە ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئىشتەي تۇتۇلۇش، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەلغەم، يۆتەلنىڭ شىپاسى
قىش ياكى ئەتىيازدا ئۈجمە يىلتىزىنىڭ قارا پوستى بىلەن ئىچىدىكى ياغىچىنى ئېلىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىدىكى ئاق يىلتىز پوستىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن 500 گىرامنى سوقۇپ تاسقاپ، 30 گىرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئالتە گىرامدىن ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلسا، سۈيدۈك راۋانلىشىدۇ، ئىششىق يانىدۇ، ئۆپكىدىكى ھارارەت تۆۋەنلەيدۇ، بەلغەم بوشايدۇ، يۆتەل توختايدۇ.
جىگەر ھارارىتى، كۆز ئاغرىقىنىڭ ئىلاجى
مەلۇم مىقداردىكى ئۈجمە يوپۇرمىقىنى سۇدا قايناتقاندىن كېيىن ئىلمان پېتى ئىچسە، جىگەردىكى ھارارەتنى تۆۋەنلىتىدۇ. قىزىرىپ ئاغرىغان كۆزنى مۇشۇ سۇدا كۈندە بىر قانچە قېتىم يۇيۇپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر