ھەر كۈنى بىر تال ماندارىن يەپ بەرسە ئاشقازان راكى بولمايدۇ

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاۋىستىرالىيە فېدېراتسىيە پەن ۋە سانائەت تەتقىقات تەشكىلاتىنىڭ بايقىشىچە، ھەر كۈنى ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋە چېۋىلەرنى يەپ بەرسە ، سەكتىنىڭ يۈز بېرىشىنى %19تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ئاپلىسىن مىۋە ئائىلىسىدىكى چوڭ جەمەت بولۇپ، ماندارىن، ئاپېلسىن، ئاق تۇرۇچ، ئۈزۈمسىمان ئاپېلسىن، چۈچۈك ئاپېلسىن، لىمون قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ماندارىن ئەنئەنىۋى جەھەتتىن غەرب تائاملىرىدىكى ۋىتامىنCنى ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەنە مۇئەييەن مىقداردا كاروتىن، كالىي،كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋە چىۋىلەر ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرالايدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشنى تىزگىنلەيدۇ ھەمدە ئۆسمە ھۈجەيرىسىنى بىنورمال ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئاۋسترالىيە ئالىملىرىنىڭ دېيىشىچە، مېۋە چېۋىلەر ئىچىدە ئاپېلسىن ئائىلىسىدىكى مېۋە چېۋىلەردە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 170خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىسى، 60خىلدىن ئارتۇق فىلاۋون تۈرىدىكى ماددا، ئۇنىڭدىن باشقا 17خىل كاروتىن بار ، فىلاۋون ماددىسىنىڭ ياللۇغى ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش، قان تومۇرلىرىنى كۈچلەندۈرۈش، قان ئۇيۇشۇشنى چەكلەش رولى بار. كاروتىننىڭ كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار. بۇ خىل ئۇنىۋېرسال فىلولوگىيىلىك ئاكتىپ تەركىبلەر ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋە چېۋىلەرنى كۆپ خىل راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە قىلغان. ئەمەلىيەتتە، ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋە چېۋىلىرىدە ھەر بىر تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى بەكلا يۇقىرى ئەمەس. مەسىلەن، كالىي، ماگنىي، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنCنىڭ مىقدارى يېڭى چىلانغا يەتمەيدۇ. 

فىلاۋون تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ مىقدارى ياۋا ئالمىغا يەتمەيدۇ. كاروتىن مىقدارى كۇلى بېھىسىغا يەتمەيدۇ. ئەمما ئاپېلسىن تۈرىدىكىلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، باھاسى ئەرزان، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ، يېمەكلىكلەر ئىچىدە ئوزۇقلۇق ئەھمىيىتى جەھەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر كۈچلۈك، باھاسى ئەرزان، ئىمپورت قىلغانلارغا قارىغاندا دۆلەت ئىچىدىكى ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ. ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ مېۋە پوستىدا كۆپ مىقداردا مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى خۇشپۇراق ياغنىڭ ئىشتىھانى ئېچىش ئۈنۈمى بار، ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنى ھەددىدىن ئارتۇق يېيىش مۇۋاپىق ئەمەس. ئوزۇقلۇق تەكشىسىز بولغان ئاساستا، ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى ئاندىن تولۇق گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ. ئاپېلسىن ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئوزۇقلۇق قوغلىشىپ كۈندە كىلولاپ يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق قىلغاندا ئاسانلا «ئاپېلسىن پوستى كېسىلى» بولۇپ، ئادەم تېرىسى سارغىيىپ كېتىدۇ. ئاچ قورساققا ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنى يېگەندە ئاشقازاننى غىدىقلايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئاخىرقى مەسىلە شۇكى، ئىش قوشۇلغان ئاپېلسىن شەربىتىنىڭ ساغلاملىق ئۈنۈمى كۆپ تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، ئىش قوشۇش جەريانىدا ئاپېلسىن تەركىبىدىكى ۋىتامىنC، فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار ۋە كاروتىن كۆپ مىقداردا زىيانغا ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە مېۋە يېلىمىدىن باشقا يېمەكلىك تالالىرىنىڭ كۆپ قىسمى دېگۈدەك زىيانغا ئۇچرايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر