ھەسەل+زەنجىۋىل شورپىسى ھەممىگە ياقىدۇ

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ھەسەل + زەنجىۋىل شورپىسى ئەر ياكى ئايال، چوڭ ياكى كىچىك، ھەتتا ياشانغانلارغىمۇ ياقىدىغان ئېسىل ئىچىملىك، كۈندە سەھەردە ياكى مونچىغا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىچىۋالسا، ئىككى ئايدىن كېيىن بەدەندە ئالامەت ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، يەنى بەل كىچىكلەپ، بەدەن ئېغىرلىقى بەش كىلوگىرامدەك تۆۋەنلەيدۇ، تېرە يۇمرانلىشىپ، قېرىلىق دېغى ياخشىلىنىدۇ.

ھەسەل + زەنجىۋىل شورپىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى:

10 گىرام زەنجىۋىلنى ئېزىپ بوتقا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئەينەك ئىستاكانغا سالىمىز، ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ، ئىچىشتىن بۇرۇن بىر قوشۇق ھەسەل سېلىپ قوچۇپ ئېلەشتۈرگەندىن كېيىن ئىچىمىز. ئۇدا ئىككى ئاي ئىچكەندىن كېيىن، مۇنداق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ:

▲ بەدەن ئىللىيدۇ، پۇت ۋە قولى ئىسسىمايدىغان «سوغۇقتىن قورقىدىغان» لارنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشىلىنىدۇ.

▲ بەدەن ئېغىرلىقى بەش كىلوگىرامدەك تۆۋەنلەيدۇ.

▲ تېرە يۇمرانلىشىدۇ؛ ئوشۇقچە گۆشلەر يوقىلىپ، بەل كىچىكلەيدۇ.

ھەسەل+زەنجىۋىل شورپىسىنى بىر يىلدىن ئاشۇرۇپ ئىچسە، يۈز ۋە باشقا يەرلەردىكى قېرىلىق داغلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ، يوقاپ كېتىدۇ ياكى مەلۇم دەرىجىدە تارىيىدۇ، ھېچ بولـمىسا رەڭگى سۇسلاپ، قايتا ئۆرلەش ياكى داۋاملىق ئۆرلەش بولـمايدۇ. ئەمەلىيەتتە زەنجىۋىلنىڭ بەدەنگە بېرىدىغان پايدىسى كۆپ، گۈزەل ھەم ساغلام بولۇشنى ئىستەيدىغانلار بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقسا بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر