دائىم گۈرۈچ تامىقى (مىفەن) يېسە دىئابېت بولۇپ قالامدۇ؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

دائىم گۈرۈچ تامىقى (مىفەن) يېسە ئاسانلا دېئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ

كۆپچىلىك جىددىيلەشمەي ئاۋۋال ئوقۇيلى! "دېئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىش" بىلەن " دېئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش" ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم.
تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىز بارغانسېرى ئىنچىكە ئىش قوشۇپ ئاقارتىلغان گۈرۈچلەرنى ئىستېمال قىلىشنى قوغلىشىۋاتىمىز. ئەلداۋا تەھرىرىنىڭ قارىشىچە، بۇنداق گۈرۈچلەر ناھايىتى ئاسان ھەزىم بولىدۇ، تاماقتىن كېيىن قان قەنتىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر تېز بولىدۇ، ئەگەر يېتەرلىك چېنىقىش ئارقىلىق بۇ قان قەنتىنى خوراتمىسا، بەدەن تاماقتىن كېيىنكى يۇقىرى قەنت ھالەتتە تۇرىۋېرىپ، ئاسانلا دېئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، گۈرۈچ تاماقتىن سىرت، ئاق موما، ئاق چۆپ، ئاق بولكا قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل خەۋپ بار.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر