تاۋۇز شاپىقىنىڭ مۇنداقمۇ رولى بار

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

  «چۆپ دورىلار قامۇسى» دا تاۋۇز شاپىقىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، قۇرۇق ئىسسىقنى ئېلىپ، يۆتەلنى توختىتىش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بارلىقى، ئادەتتە گال قۇرۇش، يارا چىقىش، قىزىرىپ ئىششىش كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن؛ ئەمما كىشىلەر يېقىندا تاۋۇز شاپىقىنىڭ مۇنداقمۇ روللىرى بارلىقىنى بايقىدى:


    ئىسسىقىنى قايتۇرىدۇ: ئازراق يۇمىلاق گۈرۈچنى يۇيۇپ، ئۇششاق توغرالغان تاۋۇز شاپىقى بىلەن كۈچلۈك ئوتتا بىر ئۆرلەتكەندىن كېيىن، ئاندىن سۇس ئوتتا 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە قاينىتىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ ئىچىپ بەرسە، بەدەندىن ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ.

   ئاپتاپتا كۆيۈپ پەيدا بولغان يارىغا داۋا بولىدۇ: تاۋۇز شاپىقىدا ۋىتامىن C مول، شۇڭا ئۇنى نېپىز يالپاقداپ، ئاپتاپتا كۆيۈپ قىزارغان يەرگە سۈركەپ بەرسە، ياللۇغ قايتۇرىدۇ ۋە كۆيگەن يەرنى ئاقارتىدۇ.

    گال ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ: تاۋۇز شاپىقى گال ۋە تىل ئاغرىقىنى پەسەيتىدىغان ئېسىل دورا، بازاردا سېتىلىۋاتقان تاۋۇز قىراۋى دەل تاۋۇز شاپىقىنى ماتېرىيال قىلغان. 250 گىرام تاۋۇز شاپىقىنى ئىككى چىنە سۇدا بىر چىنە سۈيى قالغىچە قاينىتىپ، ئازراق ناۋات سېلىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر