دىيابېت ئاغرىقلىرى مېۋە يېگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

دىيابېت ئاغرىقلىرى مېۋە تاللىغاندا مېۋىنىڭ قەنت مىقدارىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ھەر 100 گىرام يېمەكلىكتىكى قەنت مىقدارى 10 گىرامدىن تۆۋەن بولغان قارائۆرۈك، تاۋۇز، قوغۇن، كوكۇس سۈيى، ئاپلېسىن، لىمون، ئۈزۈم، شاپتۇل، ئۆرۈك، بۆلجۈرگەن، ئاناناس، گىلاس قاتارلىقلارنى تاللاپ يېسە بولىدۇ. بانان، ئانار، ماندارىن، ئالما، نەشپۈت قاتارلىقلارنى ئېھتىيات بىلەن يېيىش كېرەك. چىلان، خورما، قۇرۇق ئۈزۈم، ئۆرۈك قېقى، دۇريان (榴莲) قاتارلىقلارنى يېمەسلىك كېرەك .

دىيابېت ئاغرىقلىرى مېۋە يىگەندە ئىككى ۋاقلىق تاماقنىڭ ئوتتۇرسىدا ئەڭ ياخشىسى ھەرىكەت ئارىلىقىدا ياكى ھەرىكەتتىن كېيىن مېۋە يېيىشى كېرەك. مېۋە يەپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرسە ،مېۋە يېيىش سەۋەپلىك قان قەنتىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ھەرىكەتتىن كېيىن مېۋە يېسە، ھەرىكەت ئارىلىقىدىكى خوراپ كەتكەن ئېنىرگىيەنى تولۇقلىغىلى بولىدىكەن ھەمدە ھەرىكەتتىن كېيىنكى قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەم ھەرىكەتتىن ئىلگىرى ھەم ھەرىكەتتىن كېيىن مېۋە يېيىشكە بولمايدۇ، ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر