تاۋۇزغا تۇز قوشۇپ يېسە، تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 تاۋۇزنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان يېيىشلىك، سۇلۇق مېۋە ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. تاۋۇزغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېپىۋەتسە، تاۋۇزنىڭ تېخىمۇ تەملىك، تاتلىق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ - سىز؟

تۇز ئەمەلىيەتتە بىر خىل تەم كۈچەيتكۈچ بولۇپ، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. تائامغا ئازراق تۇز قوشىۋەتسە، تائام تەمىنىڭ غىدىقلاش خـۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىش ياكى تىزگىنلەش رولىنـى ئـوينايدۇ. ئەگەر، تاتلىق ياكى تۇز تەمى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى بىرلا ۋاقىتتا يېسە، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر خىلى يەنە بىر خىل تەم سېزىمىنى كۈچەيتىپ بېرىشى مۇمكىن. بۇ ئادەتتە تەم سېزىمىنىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمى، دەپ ئاتىلىدۇ. تاۋۇزغا ئازراق تۇز سېپىۋەتسە، ئېغىز بوشلۇقى، تىلنىڭ ئاۋۋال ئۇچرىشىدىغىنى تۇزلۇق تەم بولىدۇ، ئاندىن يەنە قايتا ئۇچرىشىدىغىنى تاتلىق تەم بولۇپ، تاتلىق تەم كۈچەيگەنلىكتىن تاۋۇز تېخىمۇ تاتلىقتەك بىلىنىدۇ، بۇ بولسا تىپىك تەم سېزىمىدىكى سېلىشتۇرما ئۈنۈمدىن ئىبارەت. مېۋە شەربىتىگە تۇز سېلىۋەتسىمۇ، تاتلىق تەمنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، كونىلاردا «تاتلىق بولسۇن دېسەڭ، ئازراق تۇز قوشىۋەت» دېگەن ماقالنىڭ مۇئەييەن ئاساسى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
 
بولۇپمۇ، پىژغىرىـم ئىسسىـق كـۈنلىرى تاۋۇزغا تۇز قوشۇپ يېسە، تەرلەش سەۋەبىدىن خورىغان ناترىي ئىيونى(تۇزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى)نى ۋاقتىدا تولۇقلىغىلى بولىدۇ. بىراق، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى تۇز سالماي يېيىشى لازىم، بولمىسا قان بېسىمنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر