ئېغىز قۇرۇشنىڭ سۇنى ئاز ئىچكەنلىكتىن بولۇشى ناتايىن

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2017/06/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  دائىم ئېغىز قۇرۇش سۇنى ئاز ئىچكەنلىكنىڭ نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن، بەلكىم بەدەن ئاجراتقان سۇيۇقلۇق بەك ئاز بولسا، ئۇنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا يېتىپ بارالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.


تېۋىپلار بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىشتى: «كېچىسى ئېغىزى قۇرۇيدىغان ھەم سۇنى ئاز ئىچىدىغان ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە مەنپىيلىكى ئاجىزلاپ بەدەننى ئىسسىق قاپلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى؛ ئېغىزى قۇرۇيدىغان، ئەمما سۇ ئىچىشنى خالىمايدىغان ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ، بويۇن ۋە بېلى سىرقىرايدۇ، ئادەتتە بۇنى بىز قان ئۇيۇشۇش تىپىدىكى كېسەللىك دەيمىز؛ ئېغىزى قۇرۇغاندا ئىچكەن سۇ تېتىمىسا، ئاسانلا سەمىرىپ كەتسە، دائىم چارچاش ھېس قىلسا، ئۇنداقتا بۇ بەلغەم خىلىتى كۆپەيگەنلىكنىڭ بېشارىتى؛ سۇنى ئاز ئىچىدىغان، ئېغىزى قۇرۇيدىغان ھەم بەتتاملىشىدىغان ئالامەت بولسا، ئۇنداقتا بۇ بەدەننى ئىسسىق قاپلاپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى».

تېۋىپلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئېغىز قۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل ئىپادە ۋە كېسەللىك ئالامىتى ئارقىلىق، ئاغرىقنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا تەخمىنىي ھۆكۈم قىلغىلى ۋە كېسەلگە بېقىپ داۋالىغىلى بولىدۇ»
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر