ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﻮﺭﯗﻕ؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

 

 

2016-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﮪﻪﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ %4 ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﮔﯧﻦ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﮔﯧﻨﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﻤﯩﺴﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ.

ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ (2015-ﻳﯩﻠﻰ)»ﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ 18 ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %30.1، ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %11.9 ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 2002-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %7.3 ﯞﻩ %4.8 ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ. 6 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 17 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %9.6، ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %6.4 ﺑﻮﻟﯘﭖ، 2002-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %5.1 ﯞﻩ %4.3 ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ.

ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺗﻪﮪﺮﯨﺮ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ «ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﺎ»ﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﻰ: ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ ﻳﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺭﺍﻙ ﻟﯩﭽﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﯞﺍﺑﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.

ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ (shokuiku، ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ)، ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ.

ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 2005-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ «ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ»ﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﮪﻪﻡ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﺪﯨﻼ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ-«ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ، ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ، ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﺪﻯ.

ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻏﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻜﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻏﻼﻡ، ﻣﻮﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ.

ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ، ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﺎﺳﺎﺵ، ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ، ﺋﻮﺑﻮﺭﯗﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﯧﺘﯩﺶ، ﺗﻪﯕﺸﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﻩﺭﺳﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻟﺌﯩﭽﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﻧﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﺪﯗﺭ.

ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ:

(1) ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ.

(2) ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﺶ.   (3) ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ. ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﭽﻪ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ «ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﺎﻏﻼﻡ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﭼﯩﺶ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ.

(4) ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﮪﻪﻡ ﻣﯘﮪﯩﺘﻘﺎ ﺩﻭﺳﺖ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ. ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﭽﻰ، ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻴﻮﻣﺎﺳﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ.

(5) ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ. ﺧﯩﻴﯩﻢ-ﺧﻪﺗﻪﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ.

(6) ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ. ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻏﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﺵ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ.

ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻣﻨﻰ ﻣﯧﻴﺠﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺋﯩﺸﯩﺰﯗﻛﺎ 1896-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩ 1898-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، 2005-ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ» ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ، ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ 109 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﺘﻰ.

ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﺳﯩﻨﻰ 4 ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺋﻪﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ (1896-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1952-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ). ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻣﯧﻴﺠﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺰﻡ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺧﻪﻟﻘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﻪﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﺗﻼﺭ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻝ ﺋﯩﭽﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺋﯩﺸﯩﺰﯗﻛﺎﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻮﭼﻰ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﮪﺮﯨﺮﻯ، ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﻰ ﻣﯘﺭﺍﺋﻰ 1903-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺭﻭﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.

1905-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﺗﯜﻧﯜﺷﻨﻰ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﭽﻪ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯜﺕ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﮔﯚﺵ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ 1907-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ (1952-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1997-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ). ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ. ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.

ﺗﯩﭙﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪ: ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ 1952-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ «ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﺗﯜﺯﺩﻯ. 1954-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ «ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ»ﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ (1997-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2005-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ). ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻗﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﯘﺭﮊﯗﺋﺎﺯﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﺪﻩ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻐﺎﻥ.

ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ (2005-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ).

2005-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ « ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﺎﺑﯧﻨﺖ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ 2006-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﯩﻼﻧﻰ»ﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻼ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ، ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.

ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ

ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺗﻼﻣﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﺎﺑﯧﻨﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﺎﺑﯧﻨﺖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ.

ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ.

ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ.

ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ.

ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﻮﻛﯘﺋﯩﻜﯘ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر