12 چوڭ ئەزانىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان يېمەكلىكلىرى

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ھاياتلىق گېزىتى | ۋاقتى: 2011/09/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: رەيھانگۈل ئىمام | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

تاماق يىگەندە، سىز يەنە ئۆزىڭىزنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يېمەكلىك تاللامسىز؟ ئەمەلىيەتتە، سىز بەدىنىڭىزدىكى ئەزالارنىڭ ساداسىغىمۇ قۇلاق سېلىپ قويۇشىڭىز كېرەك. يېقىندا، ئامېرىكا MSNBC تور بېكىتى ئوقۇرمەنلەرنى «ئەزالار تاماق رىسالىسى» بىلەن تەمىنلىدى، سىز ھەر قايسى  بەدەن ئەزالىرىڭىزنىڭ قايسى خىل يېمەكلىككە ئەڭ ئامراق ئىكەنلىكىگە قىزىقامسىز؟ ئۇنداقتا بۇ ماقالىگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ.
 

1. كۆزــــــــــــــــ تۇخۇم

تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە كاروتېن، كسانتوفىل، كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مول بولۇپ، كۆزنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۈندە بىر دانە تۇخۇم يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، پەقەت بەش ھەپتىدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدىكەن. تۇخۇم سېرىقىنىڭ رەڭگى قېنىقراق بولغان تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى كسانتوفىل ۋە كۆممىقوناق سېرىق ماددىلىرى تېخىمۇ مول بولۇپ، كۆزنى ئاسراش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدىكەن.


2.مېڭە ــــــــ كاپۇستا

چېچەكسەي، كاپۇستا (圆白菜) قاتارلىق كېرسىت گۈللۈك كۆكتاتلار تەركىبىدە ئاتسېتىلخولىن بولۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر كۈنى ئىككى خىل كاپۇستا تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى يەپ بەرگەندە، تونۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى %40 ئاستىلايدىكەن. كاپوستىنى خام يېگەندىكى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سوغۇق سەي، سالات تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ. ئۈنۈملۈك تەركىبلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پىشۇرغاندا بەك ئۇزۇن پىشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر