قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر سۆڭەكنى چۈرۈكلەشتۈرۈۋېتىدۇ

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىپ مۇنداق يەكۈن چىقارغان: يەنى قەنتنىڭ زىيىنى تاماكىدىن ئېغىر، ئۇزاق مەزگىل قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئادەمنىڭ ئۆمرى كۆرۈنەرلىك قىسقىرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ‹‹قەنت تاشلاش›› شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، قەنتنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى تېخى نۇرغۇن كىشى تونۇپ يېتەلمىگەن.

 ئوزۇقشۇناسلارنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسلانغاندا ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىنىدىغان ئاق شېكەر مىقدارى 30 ~ 40 گىرام ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر قەنت مىقدارى ئارتۇق بولۇپ كەتسە، ئاسانلا سۆڭەكنى چۈرۈكلەشتۈرۈۋېتىدۇ. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە ئادەم بەدىنى كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە سۈمۈرگەنلىك سەۋەبىدىن ئاسانلا تويۇنۇش سېزىمى پەيدا بولۇپ، ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا ۋە ئوزۇقلۇق تۈرىدىكى سېللۇزا يېمەكلىكى قاتارلىق باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش، يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش، سەمرىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.

 يەنە بىر تەرەپتىن ئاق شېكەرنىڭ بەدەندىكى مېتابولىزمى كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارغا ئېھتىياجلىق. شۇڭا داۋاملىق قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن، كالىي، كالتسىي كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ياشانغان كىشىلەرنىڭ سۆڭەك سۇنۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن. شۇڭا كۈندىلىك ئىستېمالىمىزدا قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىغا ئېتىبار بېرىشىمىز كېرەك. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر