بېلىقنىڭ ھەممە يېرى دورا

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 بېلىق ھەقىقەتەن يېيىشلىك، شۇنداقلا ئۇنىڭدا ئوزۇقلۇق ماددا ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ بېلىقنىڭ بېشىدا. بېلىقنىڭ بېشىدا EPA ۋە DHA دەپ ئاتىلىدىغان ماددىلار بار، بۇ خىل ماددىلار بوۋاقلار ۋە ئۆسۈۋاتقان بالىلار مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق.

 
    كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بېلىقنىڭ تېرىسى ئېغىر مېتال بىلەن ئاسانلا بىرىكىپ بۇلغىنىدىغان بۆلەك، ئەمما ئىلمىي تەجرىبىلەر بۇ خىل قاراشنىڭ خاتالىقىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلىدى، يەنى بېلىقنىڭ تېرىسى ھەرقانداق ئېغىر مېتال بىلەن خىمىيەلىك رېياكسىيەلىشىپ بۇلغىنىپ كەتمەيدىكەن، ئەكسىچە بېلىق تېرىسىنىڭ ئوپېراتسىيەدىن قالغان تاتۇقنى سۇسلاشتۇرۇشتا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن، بىراق قىسمەن بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان بېلىقلارمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن: سېرىق بېلىق، تاسما بېلىق دېگەندەكلەر.
 
  ئۇنىڭدىن باشقا، بېلىقنىڭ ساقىقىدا تۆمۈر ماددىسى ئىنتايىن مول، ئەمما ساقاقنىڭ زىيانلىق ماددا بىلەن بۇلغانمىقى ئىنتايىن ئاسان، بولۇپمۇ ئاسان رېئاكسىيەگە كىرىشىدىغان تۇنىس بېلىقى، كالولابىس بېلىقى ۋە تاسمابېلىقلارنىڭ ساقىقىدىن يىراق تۇرۇش ئاقىلانىلىك.
 
  بېلىق تۇخۇمىدىكى لېتىستىن رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق، لېكىن لېتىستىننى كۆپ قوبۇل قىلسا، ئادەم ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنى قوبۇل قىلغاندا مىقدارىغا چەك قويماي بولمايدۇ.
 
  بېلىقنىڭ پۈۋەكچىسىدە كوللاگېنلىق ئاقسىل ناھايىتى مول، ئۇنى پاكىز يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن بېلىق بىلەن بىللە پىشۇرۇپ ياكى ئايرىم قورۇپ يېسە، ئاقسىل تولۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر