ئاچچىق، تاتلىق ۋە ھەر خىل رەڭلىك ئۈزۈملەرنىڭ شىپالىق رولى

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

 

 

ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﯧﺘﯩﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﮪﻪﺯﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ، ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ: ﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﯘﺭﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﻣﻰ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻤﺎ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﭖ ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯩﻞ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﻛﻪﻡ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﻟﯘﻕ، ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯧﻐﯩﺶ، ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﻪﺭﻟﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺪﯗ.

ﺳﯚﺳﯜﻥ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻗﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ: ﺳﯚﺳﯜﻥ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯﯛﻣﺪﻩ ﺳﯩﺌﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﻓﯩﻼﯞﻭﻧﻼﺭ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺭﺍﺩﯨﻜﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻮﺭﯗﻕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ «ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭼﻮﻗﻘﺎ»،«ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻝ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ.

ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﭼﺎﺭﭼﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ: ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﻟﯩﻲ، ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ، ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺋﯩﻴﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﻚ ﺗﯘﺯ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻴﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﺘﺎ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﭼﺎﺷﻘﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯗ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺭﺗﻼﺭﺩﯨﻦ «ﻗﺎﺭﺍ ﻣﯘﻧﺎﻗﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ.

ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺪﯗ: ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﻓﯧﺮﻣﯧﻨﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﭗ، ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻗﺎﻥ ﻧﻮﻛﭽﯩﺴﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻓﯧﺮﻣﯧﻨﺘﻼ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺩﯨﯟﺍﺭﯨﻐﺎ ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯩﺮﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻣﯘﮪﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺭﺗﻼﺭﺩﯨﻦ «ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯘﻧﺎﻗﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ.

ﺋﺎﻕ، ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺋﯚﭘﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎﺭﺗﯩﺪﯗ: ﺋﺎﻕ، ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﻩﯕﺴﯩﺰ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﭘﯩﺸﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﻳﯧﺸﯩﻞ، ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺟﻮﯕﮕﯘ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯚﭘﻜﯩﮕﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺋﺎﻕ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺋﯚﭘﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ، ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯘ ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﯕﻰ ﺋﻮﺳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ ، ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺗﺎﻝ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﯨﻨﯩﻨﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻻﺯﯨﻢ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر