قەھۋە ئىچكەندە يۈرەك سېلىش نورمال ئەھۋالمۇ؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «بەزىلەر قەھۋە ئىچسە يۈرىكى سالغاندەك بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار يۈرىكىنىڭ ساغلاملىقىدىن ئەنسىرەپ قالىدۇ، بىراق بۇ نورمال ئەھۋال، ھەرگىزمۇ يۈرەكتە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەمما بىز يەنىلا قەھۋەنى ئەھۋالىغا بېقىپ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئادەتتە 1 - 2 ئىستاكان قەھۋە ئىچسە ھېچ ۋەقەسى يوق، ئەمما قەھۋەدىكى كوفېئىن چوڭ مېڭىنى جانلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك سوقۇشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ».

 
   مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئادەم جىددىيلەشكەن ياكى قاتتىق تەشۋىشلەنگەندىمۇ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ، ھەتتا مەيدىسى چىڭقىلىدۇ. بىراق نورمال ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۈرەكنىڭ بۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇشى زۆرۈر، ئەمما يۈرەك ئۇزاققىچە جىددىيلەشسە، بۇ يۈرەككە نىسبەتەن بېسىم، چۈنكى بۇ ‹پاسسىپ ئېنېرگىيە› يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ»
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر