يېمەكلىكنى ئازايتىپ ئورۇقلاش ـ جىگەرنى ياغ قاپلاشنى يېنىكلىتەمدۇ؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 جىگەرنى ياغ قاپلاش ــ جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى ياغ  مىقدارى  نورمال قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، جىگەرنى ياغ قاپلاپ كېتىشنى پۈتۈن بەدەندىكى ياغ ئالمىشىشنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ.

ئادەتتە، بەزى كىشىلەر تاماقنى قىسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق جىگەرنى ياغ قاپلاشقا تاقابىل تۇرماقچى بولىدۇ، بۇ سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق. چۈنكى، ئورۇقلاش جەريانى ئەمەلىيەتتە بەدەندىكى ياغنى ھەرىكەتلەندۈرۈش جەريانى بولۇپ، ئەگەر ياغنىڭ ھەرىكىتى تېز ھەم شىددەتلىك بولۇپ، ئورگانىزملارنىڭ ياغ ئالمىشىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتسە، بەدەندىكى ياغ كىسلاتاسى كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇلار جىگەر ۋە يۈرەك قاتارلىق ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ  جىگەر ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

شۇڭا، جىگىرىنى ياغ قاپلاپ كەتكەن كىشىلەر يېمەك -ئىچمەكنى مۇۋاپىق تىزگىنلەشكە دىققەت قىلىشى، ئەمما بەك ئاشۇرىۋەتمەسلىكى كېرەك. ئادەتتە، يەتتە ئۈلۈش تويۇنغاندىلا توختىشى، ياغلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى، گۆشنى مۇۋاپىق يېيىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، جىگىرىنى ياغ قاپلاپ كەتكەن كىشىلەر بەك جىددىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك، چۈنكى جىددىي ھەرىكەتنىڭ ھەممىسىلا ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت بولۇپ، سەرپ قىلىدىغىنى ياغ بولماستىن بەلكى قەنت ئېنزىمى بولغاچقا، جىگەردىكى ياغنىڭ سەرپ قىلىنىشىغا پايدىسىز بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر