445 ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ X ﻧﯘﺭ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯚﭼﯜﺗﯩﯟﻩﺗﺘﻰ

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

 

 

ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ:

ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﺪﻩﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ، ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ، ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻮﻻﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﻪﯞﭘﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 445 ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﯩﺴﻰ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﻧﻰ X ﻧﯘﺭﯨﺪﺍ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯚﭼﯜﺗﯩﺪﯗ.

ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﺴﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﭘﻤﺎﻱ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ، ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻳﻮﻝ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﺎ ﺋﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﻣﻮﮪﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ BMI ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 155 ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺩﺍﺋﯩﺮﻩ(24~18.5)ﺩﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮪﻪﺳﺴﻪ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺭﯗﻗﻠﯩﻤﯩﺴﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 2 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.

X ﻧﯘﺭﻯ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﻱ ﻗﻪﯞﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﺎﻱ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ، ﺟﯩﺴﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ 159 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺋﻮﺭﯗﻗﻠﯩﻐﺎﻥ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﭘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺵ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ.

ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺟﯩﺴﻰ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 159 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺋﻮﺭﯗﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻜﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﯓ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر