تۇزلۇق بولۇپ قالغان شورپىنى تەڭشەش ئۇسۇلى

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئېھتىياتسىزلىقتىن تۇزنى كۆپرەك سېلىۋېتىپ شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟

شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالسا، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى بەلكىم شورپىغا سۇ قوشۇش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇنداق قىلغاندا شورپىنىڭ تەمى سۇسلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، سۇ قوشماي، بىر تال بەرەڭگىنى قېلىنراق يالپاقلاپ شورپىغا سېلىپ، بىر قانچە مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىۋەتسە بولىدۇ. چۈنكى، بەرەڭگە تەمنى ئاسان سۈمۈرىۋالىدۇ ھەم ئۆزىنىڭمۇ باشقىچە غەيرىي تەمى يوق، بەرەڭگە شورپىنىڭ تۇزلۇق تەمىنى سۇسلاشتۇرۇپلا قالماستىن، شورپىنىڭ ئەسلى تەمىگىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بۇ جەرياندا شورپا تۇز تەمىنىڭ سۇسلىشىش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ تۇرۇش كېرەك، ئەگەر بىر تال بەرەڭگە سالغاندا شورپا يەنىلا تۇزلۇق بولسا، ئەھۋالغا قاراپ يەنە بىر نەچچە تال بەرەڭگىنى تاكى شورپىنىڭ تۇز تەمى سۇسلاشقىچە سالسا بولىدۇ.

تۇزلۇق شورپىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى كۆپ بولۇپ، شورپىنىڭ تەمىگە ئاساسەن توڭلىتىلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(دۇفۇ)، سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، شوخلا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، شورپىنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەشكە بولىدۇ. يەنە پاكىز يۇيۇلغان داكىغا ئىككى قوشۇق ئۇن ياكى گۈرۈچنى ئوراپ، شورپىغا سېلىپ قايناتسا شورپىنىڭ تۇز تەمى تەڭشىلىدۇ.

تۇزنى كۆپ سېلىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆلچەملىك تۇز قوشۇقى ئىشلىتىش زۆرۈر. ھەر بىر ئادەم ھەر بىر ۋاق تامىقىدا، بىر قوشۇق تۇز(2g) ئىستېمال قىلىش، بىر كۈندە 3 قوشۇق (6g)تىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. قورۇما قورۇشتىن ئىلگىرى تاماق يەيدىغان ئادەم سانىغا قاراپ، قانچىلىك تۇز سالسا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىۋېلىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر