بۇ ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ چاينى ئاز ئىچكىنى ياخشى

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئاممىۋى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى لى شياۋلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاي جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كۈتۈنۈش ئۇسۇلى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق، مەسىلەن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار. چاي ئىچىش ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كىشىلەر چاينى ئاز ئىچكىنى ياخشى.

 
 
  ئاشقازان يارىسى بىمارلىرى. ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە سوزۇلما يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئەڭ ياخشىسى چاي ئىچمەسلىكى، بولۇپمۇ قېنىق چاي ياكى ئاچ قورساققا چاي ئىچمەسلىكى كېرەك. چاي تەركىبىدىكى كوفېئىن ۋە تاننىك كىسلاتاسى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاراھەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر دائىم قېنىق چاي ئىچكەندە، يەنە كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. پۇئېر چېيى بىلەن قىزىل چايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل چاي تەركىبىدە كوفېئىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئادەتتە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ.
 
  ئۇيقۇسى ئازلار ياكى نېرۋىسى ئاجىز كىشىلەر. كوفېئىننىڭ نېرۋىنى غىدىقلاش رولى بار. ئادەتتە ئۇيقۇسى ئاز ياكى نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار كىشىلەر كوففېئىنغا بىر قەدەر سەزگۈر بولغاچقا، كەچتە ئۇخلاشقا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن كېيىن قەھۋە ياكى چاي ئىچىشنى توختىتىشى كېرەك.
 
  يۈرەك سوقۇشى رىتىمسىز كىشىلەر. كوفېئىن ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىپ، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، ھەتتا يۈرەك سىقىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر خىل يوشۇرۇن تەھدىتتۇر. ئەگەر بەزى كىشىلەردە ئادەتتە يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش ھادىسىسى بار بولسا، ياكى چاي ۋە قەھۋە قاتارلىقلارغا بەك سەزگۈر بولسا، ئاچ قورساق چاي ئىچكەندە باش قېيىش، يۈرەك سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
 
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
 
  مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر