سۇ ۋە سالامەتلىك

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى : ئادەم بەدىنىدە سۇنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، چوڭلار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ. ياخشى قانچە كىچىك بولغانسېرى سۇنىڭ نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئاچارچىلىق ياكى تاماق يېيەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، پەقەت سۇ يېتەرلىك بولسىلا، جاننى بىر ئامال قىلىپ ساقلاپ قالغىلى ياكى ھاياتلىقنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. ئەگەر بەدەندىكى سۇنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىپ %20 تىن ئېشىپ كەتسە، جاننى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. 
  سۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى ئېرىتىدىغان سۇيۇقلۇق. ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە كېرەكسىز ماددىلار سۇنىڭ ئايلىنىشىغا تايىنىپ كۆزلىگەن جايغا بارالايدۇ ۋە ئورگانىزمدىكى ئاجرالمىلار، ھورمۇنلارمۇ بەدەنگە تارىلىپ رولىنى جارى قىلالايدۇ. قاننىڭ تەركىبىدە %90 سۇ بولىدۇ، سۇدا يوشۇرۇن ئىسسىقلىق كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قان ئايلىنىپ ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ. سۇ ئورگانىزمدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. سۇ ئاساسەن يېمەك-ئىچمەكتىن ۋە ئاز قىسمىنى ئورگانىزمدا ئاقسىل، شېكەر، ياغلارنىڭ ئوكسىدلىنىشىدىن كېلىدۇ.سۇ ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم ئامىل. سۇ ئاساسەن سۈيدۈك، تەر، خەپرۈك ۋە چوڭ تەرەت ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ.چىقىرىلىدۇ تېرىلغۇ ۋە نەپەس ئارقىلىق چىقىرىلغان سۇ، ئادەم بەدىنى بىر كۈنلۈك چىقىرىلغان سۇنىڭ 3 / 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ساغلام ئادەملەرنىڭ سۇنى قوبۇل قىلىش ۋە چىقىرىشى تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇپ بىر كۈندە 2500 مىللىلىتىر سۇنىمىز قوبۇل قىلىدۇ ۋە چىقىرىدۇ. سۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن چىقىرىلىشىنىڭ تەڭپۇڭ نورمال ھالەتتە داۋاملىشىشى سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر