ياخشى بولمىغان يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنىڭ ئوزۇلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا بولغان تەسىرى

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/09/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :
ياخشى بولمىغان يىمەك -ئىچمەك ئادىتىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا بولغان خەتىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ .
ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېمەك -ئىچمەكنىڭ تەقسىملىنىشىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ، پىشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن سىرت ، يەنە ياخشى بولمىغان يېمەك -ئىچمەك ئادىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . ياخشى بولمىغان يېمەك -ئىچمەك ئادىتى كۆپىنچە تۆۋەندىكىدەك 6 خىل بولىدۇ :
1. ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش
كۆپلىگەن بالىلار گازىر ، كەمپۈت قاتارلىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدۇ . نورمال يېمەك -ئىچمەك پىرىنسىپى بولمىغاچقا ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يېمەكلىك قوبۇل قىلىشقا ئادەتلەنمىگەن . ئاشقازان ، ئۈچەي مۇۋاپىق ئارام ئالالمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىشتىھا ناچارلىشىپ ، تاماق يېيىشكە تەسىر يېتىدۇ . ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلغاندا ، ھەرخىل ئوزۇلۇقلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


2. يېمەكلىكلەرنى تاللاش
گۆشلۈك قورۇمىلارنى يېمىگەندە ، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ كېلىش ەنبەسى چەكلىنىپ قالىدۇ . گۆشلۈك قورۇمىلارنى كۆپ يېگەندە ، ئېنېرگىيە ئارتىپ كېتىپ ھەرخىل ۋىتامىن ۋە ئانورگانىك تۇزلارنىڭ بولۇشى كېلىپ چىقىدۇ
3. كۆپ يېيىش
چوڭ يەپ ، چوڭ ئىچىش ئاشقازان -ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپلا قالماستىن ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەسىلەن :  جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان كېڭيىپ كېتىش ، ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىقلار . مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۆت كېسەللىكلىرى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ خىل كېسەللىكلەر بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .

4. تاماقنى تېز يېيىش
تاماقنى بەكلا تېز يېيىش ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماستىن ، ئاسانلا ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چايناشنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئوزۇلۇقلارنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلىشى تولۇق بولماي ، ئوزۇقلۇقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى كېلىپ چىقىدۇ .
5. بەك قىزىق يېيىش
بەكلا قىزىق يېمەكلىكلەر ئاسانلا تىل ، ئېغىز بوشلۇقى يېپىشقاق پەردىسى ، قىزىلئۆڭگەچ قاتارلىقلارنى زەخىملەندۈرىدۇ . چىشنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ، قىزىلئۆڭگەچ يارىسى قالدۇرۇپ قويغان قاقاچ ۋە ياللۇغ قاتارلىقلار ئوزۇقلۇقنىڭ ھەزىم بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
6. تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىش
تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر كۈندە قوبۇل قىلىدىغان تۇز مىقدارى نورمال ئادەملەر قوبۇل قىلغانغا قارىغاندا كۆپ بولۇپ ، بەدەندىكى ناترىي مىقدارىنىڭ ئېشىشى بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ ، يۈرەك ۋە بۆرەككە چۈشىدىغنبېسىم ئېشىپ ، يۇقۇرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر