ياپونىيىدە نېمىشقا ئازگال مېيى يوق؟

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ۋاڭيى تورى | ۋاقتى: 2011/10/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

جۇڭگولۇقلار ئازگال مېيى ئىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن ۋاقىتتا، ئوخشاشلا يېمەكلىك مېيىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەت  ياپونىيە بۇ خىل ئەندىشىدىن مۇستەسنا. ئەكسىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى، كارخانىلار ۋە ھەرقايسى ئىستېمالچى ئائىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ياپونىيە ئاساسىي جەھەتتىن بارلىق كېرەكسىز يېمەكلىك مېيىنى ھەم مۇھىت ئاسرايدىغان ھەم قايتا يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان قىلدى.


جۇڭگودا ھازىر ئازگال مېيى يەنى كېرەكسىز يېمەكلىك مېيى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر كىشىلەرنى ھەرخىل تەشۋىشكە سالىدۇ. تېخى يېقىندىلا ج خ ئورۇنلىرى يېرىم يىل مەخسۇس زەربە بېرىش ئارقىلىق، بىر چوڭ ئازگال مېيى ياساش سېتىش دېلوسىنى پاش قىلدى. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگودا ھەر يىلى تەخمىنەن ئىككى-ئۈچ  مىليون توننا ئەتراپىدىكى ئازگال مېيى كىشىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدە قايتىدىن پەيدا بولىدىكەن. ساقلانغىلى بولمايدىغان ئازگال مېيى كىشىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ھالبۇكى جۇڭگوغا ئوخشاشلا يېمەكلىك مېيىنىڭ ئىستېمال مىقدارى يۇقىرى بولغان ياپونىيىدە بۇ خىل ۋەقە سادىر بولمىدى. ياپونىيىلىكلەرنىڭ مايدا قورۇلغان تيەن فۇ لو(天妇萝) يەيدىغان ئادىتى بولغاچقا، ھەريىلى تېز تاماقخانىلار، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى ھەمدە ئائىلىلەردە كۆپ مىقداردا كېرەكسىز يېمەكلىك مېيى پەيدا بولىدۇ. ياپونىيە دۆلەتلىك ماي كەسپى ھەمكارلىق بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، پەقەت 2008-يىلىلا ياپونىيە جەمئىي  2370 مىڭ توننا يېمەكلىك مېيى ئىستېمال قىلغان. تەخمىنەن 450 مىڭ توننا كېرەكسىز يېمەكلىك مېيى پەيدا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 300-350 مىڭ توننىغىچە تاماقخانىلار، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ئورۇنلىرىدىن، تەخمىنەن 100 مىڭ توننىسى ئائىلىلەردىن كەلگەن. ياپونىيىلىكلەرنىڭ كېرەكسىز يېمەكلىك مېيىنى خالىغانچە يەر ئاستى سۇ يولىغا تۆكۈۋېتىدىغان ئادىتى يوق، شۇڭلاشقا ياپونىيىدە ئازگال مېيى دېگەن ئاتالغۇ يوق. ياپونىيە ھۆكۈمىتى، كارخانىلار ۋە ھەرقايسى ئىستېمالچى ئائىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ياپونىيە ئاساسىي جەھەتتىن بارلىق كېرەكسىز يېمەكلىك مېيىنى ھەم مۇھىت ئاسرايدىغان ھەم قايتا يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ھالەتكە  ئەكىلەلەيدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر