ھەيز قالايمىقانلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 7 خىل ئاياللار كېسىلى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: تىنچ ئوكيان ئاياللار تورى | ۋاقتى: 2012/03/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 09 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 09

ئاياللارنىڭ ھەيز قالايمىقانلىشىشى تۆۋەندىكى يەتتە خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى بارلىق ئاياللارنىڭ ئۆز ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
1. ھەيز ئالدىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك: بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە ھەيز كېلىشتىن بۇرۇنقى 7~14 كۈن ئىچىدە كۆرۈلىدۇ، ھەتتا بەزىدە ھەيز توختىغىچە داۋاملىشىدۇ. بىر قىسىم ئاياللاردا ھەيز مەزگىلىدە دائىم ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش ياكى كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ بەكمۇ خەتەرلىك سىگنال. چۈنكى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ياكى كەيپىياتى نورمالسىز بولۇش ئېغىر بولسا، ئاياللار بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا چوقۇم ھەر بىر ئايال يۈزلىنىشى ۋە توغرا ھەل قىلىشى كېرەك.


2. ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش: نۇرغۇن ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە قاتتىق ئاغرىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. گەرچە بۇنىڭ ھېچقانداق كېسەللىك سەۋەبى بولمىسىمۇ، بىراق بىرلا ئاغرىپ كەتسە چىداپ بولغىلى بولمايدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردىن، مۈرىسى ئاغرىش، پاقالچەك يوتا قىسىمى ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، بېشى قېيىش، ياندۇرۇش قاتارلىقلار. بۇ بەلكىم كۆپ مىقتاردىكى پروستاگلاندىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ياكى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر