ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىۋېلىش ۋە كۈتۈنۈش

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/04/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ئۇرۇقدان (تاشاق) بېغى ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىۋېلىش ئۇرۇقدان خالتىسى ئىچىدىكى ئۇرۇقدان ئەتراپى ۋە ئۈستى تەرەپتىكى ۋېنا تومۇرلارنىڭ كلاپان ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولماسلىقى ياكى يوقىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاننىڭ ئۇرۇقدان ئىچىدە تەتۈر ئايلىنىپ، توسۇلۇپ، ئۇرۇقدان ئىچى ۋېناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇرۇقدان ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىۋالغان تەرەپتىكى ئۇرۇقداننىڭ ئورنى سەل پەسرەك بولىدۇ، %95 بىمارنىڭ سول تەرەپ ئۇرۇقدانىدا كۆرۈلىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپتە كۆرۈلىدىغانلار ئاز، تېرە سىرتىدىن ئەگرى-بۈگرى كۆپكەن ۋېنا تومۇرلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ، قول بىلەن تۇتۇپ تەكشۈرگەندە تورسىمان، تەرتىپسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.

 


بىمار ئۆرە تۇرغاندا ئۇرۇقدان خالتىسى كۆپۈپ، بىماردا ئېغىر بىر نەرسە ساڭگىلىغاندەك تۇيغۇ سېزىلىدۇ، بۇ خىل سېزىم قورساق تۆۋەنكى قىسمى، چات ياكى بەل قىسىملارغا تارايدۇ، يول يۈرگەندە ئېغىرلايدۇ، تۈز ياتقاندا يېنىكلەيدۇ. ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش دەرىجىسى كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن دائىم ئۇيغۇنلىشىپ كەتمەيدۇ، بەزىدە نېرۋا ئاجىزلاشنىڭ ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.
ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيۋالغان بىمارلاردا ئۇرۇق ئازلىق، ئۇرۇق ئاجىزلىق، ئۇرۇق بولماسلىق كېسەللىكلىرى قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئۇرۇق سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، بىمارلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
داۋالاشتا، ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىۋېلىش كۆرۈلگەن بىمارلاردىكى ئالامەت يېنىك دەرىجىدە بولسا، دورىلىق داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىكنى كونترول قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئالامەت ئېغىر ياكى پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارالسا ۋېنانىنى يۇقىرى ئورۇندىن بوغۇش ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدۇ.

ئۇنداقتا، بۇ خىل بىمارلار قانداق كۈتۈنۈشى كېرەك؟ يازمىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلىڭ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر