جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/08/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ياسىن ئابدۇللا ( بوھران ) | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 05 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05
 

بۈگۈنكى كۈندە، فىزىئولوگىيەلىك ئامىل، ئىجتىمائىي ئورۇن، ئىقتىسادىي شارائىت قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەيلى ئەيدىز ۋەياكى باشقا جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولسۇن ئاياللار بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ قالماقتا. بولۇپمۇ دىيارىمىزدا، سەھرا-قىشلاقلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز مەدەنىيەت سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش، بۇ ھەقتىكى ساۋاتلاردىن چورتلا خەۋرى بولماسلىق، تورمۇش شارائىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىنسىي يولدىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە تېخىمۇ ئېغىر ئۇچرىماقتا. خوش ئۇنداقتا، جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرى قايسى ؟

جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللار تەن ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى

جىنسىي كېسەل سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى ( 尿道炎 )، جىنسىي يول ياللۇغى ( 阴道炎 )، بالياتقۇ بوينى ياللۇغى ( 宫颈炎 )، سوزۇلما خارەكتېرلىك تۆۋەنكى قۇرساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكنى پەيدا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان ئازاپلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا، پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر سىفلىس ( 梅毒 ) نى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، يۈرەك ۋە نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. كۆپ قىسىم جىنسىي كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولسىمۇ، دىققەت قىلمىغاندا، قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن. يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ئاياللار جىنسىي كېسەللىككە گىرىپدار بولسا، ئەيدىز (AIDS) نى يۇقتۇرىۋېلىش خەۋپى ئارتىپ، ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدۇ.

جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللار كۆپىيىش سېستىمىسىغا بولغان تەسىرى قايسىلار؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر