ھەيز قالايمىقانلىشىش نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/09/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئوغلەم ھىمىت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: يۈكسەل | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان فىزىئولوگىيەلىك ئامىللار:  
1 . كەيپىيات نورمال بولماسلىق 
 كەيپىيات بىنورمال ئۇزۇن مەزگىل روھى بېسىم بولۇش،  دەردىنى ئىچىگە يۇتۇش ياكى بەك چوڭ روھى زەربىگە ئۇچراش ۋە پسىخىكىلىق زەخمەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز بولسا تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە تەسىر قىلغاندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ،  تۇخۇمداننىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشى يەنە مېڭە ئاستى بېزى ۋە تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭنىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ. شۇڭا، مەيلى تۇخۇمدان،  مېڭە ئاستى بېزى بولسۇن ۋەياكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە بولسۇن قايسى بىرىنىڭ ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش بولسا ھەيزنىڭ نورمال ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 


2. سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرى
 تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئاياللار ھەيز  مەزگىلىدە سوغۇققا ئۇچرىسا،  داس بوشلۇقىدىكى قان-تومۇرلار ھەدىدىن زىيادە قىسقىراپ،  ھەيز ئازىيىش ھەتتا توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن،  شۇڭلاشقا،  ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولىشى، ھەددىدىن زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىشى بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدە سوغۇق ۋە ھۆل مۇھىتتىن ساقلىنىشى كېرەك. 

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە قانداق ئامىللار بار؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر