باھ زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/05/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ھەزرەت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ھەزرەت

باھ زەئىپلىكى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئەركىشى جىنسىي ئالاقە ئىقتىدارىغا پۈتۈنلەي ئىگە بولمىسا، ئادەتتە كارغا كەلمەسلىك (ئىنانەت)، ئەرلىك ئىقتىدارى تولۇق بولمىسا باھ زەئىپلىكى (زۆئفى باھ) دەپ ئېيتىلىدۇ، باھ زەئىپلىكى ئادەتتە شەھۋەت (جىنسىي ئالاقىغا رىغبەت) نىڭ زەئىپلىكى؛ ئالەتنىڭ ئىستىرخاسى (بوشاپ كېتىشى) ۋە باشقا ئىللەتلەردىن ئىبارەت. شەھۋەت زەئىپلىكنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار. جىنسىي ئىقتىدارنىڭ نورمال بولۇش ــ بولماسلىقى مېڭە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەكتىن ئىبارەت بۇ تۆت رەئىسە (باشقۇرغۇچى) ئەزالار ۋە تاناسىل ئەزالىرىدىكى قۇۋۋەتنىڭ نورمال بولۇش ــ بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

 

 

ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كلاسسىك كىتابلىرىدا: ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاجىزلىقى ــ كەم قانلىق، كەم ماغدۇرلۇق، قاننىڭ تەركىبىدىكى قۇۋۋەتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ ئاسارىتى، مېڭىنىڭ ئاجىزلىقى، مېڭە مىزاجىنىڭ ئۆزگىرىشى، يۈرەك ئاجىزلىق، جىگەر ئاجىزلىق، ئاشقازان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىق، ئۇرۇقدان كېسەللىكلىرى، جىنسىي ئەزالارنىڭ مىزاجى ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى، بەدەندە يەلنىڭ بولماسلىقى، سەزگۈنىڭ سۇسلاپ قېلىشى، جىنسىي ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ياكى ئۇرۇقداننىڭ زەخىملىنىشىدىن، مەنىينىڭ ئازلىقى، يەنە بەزىدە مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ــ چېكىملىكلەرنىڭ تەسىرى، روھىي ئامىللار (غەم ــ قايغۇ، روھىي زەربە، ئۆچمەنلىك، قورقۇش، زىيادە ھۆرمەتلەش)، جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپ قىلماسلىق، قاتارلىقلار باھ زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردىن سانىلىدۇ. كېسەللىك پەيدىنپەي ئېغىرلىشىپ بارىدىغان جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ سۇسلىشىشى، رىغبەتنىڭ ئازىيىشى، لەززەتلىنىشنىڭ كەم بولۇشى، قوزغىلىشنىڭ بارا ــ بارا سۇسلىشىشى ۋە پۈتۈنلەي يوقىلىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

 مەنبەسى: پەقىرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى "ئۇيغۇر تېبابەتتە باھ زەئىپلىكىنى ئاسان تەشخىس قىلىش ۋە قوش ئۈنۈملۈك داۋالاش" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر