ھەزىم ئەزا كېسەللىكلىرى بىمارلىرى بىلىشكە تېگىشلىك 6 ئىش

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | ۋاقتى: 2012/10/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: تۇردىئەخمەت مۇھەممەت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: تۇردىئەخمەت مۇھەممەت

 
ئىنسانلار بەدىنىنىڭ ساغلام بولۇشى نورمالنى ئوزۇقلىنىشقا باغلىق. بولۇپمۇ ئىستېمال قىلىنغان غىزا ياخشى ھەزىم بولۇپ، بەدەنگە تولۇق ئۆزلەشسە ئاندىن بەدەن ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش  مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ بىرەرىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بەدەندە ئوخشاش بولمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزىم ئەزالىرىدا كېسەللىك پەيدا بولسا، سەل قارىماستىن ۋاقتىدا داۋالىنىش، توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوزۇقلىنىش جەھەتتىكى پەرھىز قائىدىسىگە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

 


ھەزىم ئەزا كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغۇچىلار تۆۋەندىكى 6 ئىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم:
1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يىرىك، يەل پەيدا قىلىدىغان، غىدىقلىغۇچى، مايلىق، ئاچچىق-چۈچۈك، يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل يېمەك-ئىچمەكلەر بىر تەرەپتىن ھەزىم ئەزالىرى ئىچكى پەردىسىنى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ كېسەللىك پەيدا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەزىم بەزلىرىنى تەكرار  غىدىقلاپ، ھەزىم سۇيۇقلۇقىنىڭ زىيادە ئاجرىلىپ چىقىشىنى  كەلتۈرۈپ، چىقىرىپ ئەسلىدىكى كېسەللىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
2. تاماق يەپ بولۇپلا ئېغىر ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تاماق ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، تاماقنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن ھەزىم ئەزالىرىنىڭ لۆمۈلدىمە ھەرىكىتى كۈچىيىدۇ.ئەگەر تاماق يەپ بولۇپلا ئېغىر ھەرىكەت قىلغاندا، ھەزىم ئەزالىرىنىڭ لۆمۈلدىمە ھەرىكىتى نورمالدىكىدىن تېخىمۇ كۈچۈيۈپ، ھەزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا ھەزىم ئەزا كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغۇچىلار تاماق يەپ بولۇپلا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىش، زىيادە چارچاش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىپ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىپ بېرىش ئارقىلىق تاماقنىڭ تولۇق ھەزىم قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار