دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سەمىگە 7 كۆرسەتمە

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | ۋاقتى: 2012/10/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: مۇھىددىن غاپپار | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: مۇھىددىن غاپپار

دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سەمىگە

مۇھىددىن غاپپار
(خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى، مۇدىر ۋراچ)

 


دىئابېت كېسەللىكى بولسا ھەر خىل ئىچكى–تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرىلاپ، كلىنىكىدا كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ يېيىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ،  كۆپىنچە ئوتتۇرا ياشلار، ياشانغانلار، بەدىنى سېمىز كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان بىمارلاردا دەسلەپتە ھېچقانداق ئالامەت ئىپادىلەنمەيدۇ. پەقەت تەكشۈرۈش جەريانىدا سۈيدۈكتە قەنت بايقىلىدۇ. تەدرىجىي ئېغىرلىشىشقا ئەگىشىپ، ھېرىپ–چارچاش، ماغدۇرسىزلىق، روھى كەيپىيات سۇسلىشىش، بەدىنى يۇقۇملىنىشقا مايىل بولۇش، كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ يېيىش، ئۇرۇقلاش، ماغدۇرسىزلىق، تېرىلەر قىچىشىش، مۈچىلەر تېلىپ ئاغرىش، قولىشىش، بەل، دۈمبە قىسىمى تېلىپ ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كېسەللىكنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، بۆرەك كېسەللىكى، يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، ئۆپكە سىلى، ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى، كۆرۈش تور پەردە كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇر توسۇلۇش، سەكتە قاتارلىق خەتەرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. دىئابېت كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان  بىمارلار ئۆزىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرگەندە، ئاندىن دىئابېت كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
دىئابېت كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى كۆرسەتمىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. (كېيىنكى بەتكە قارالسۇن!)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر