ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئاق كېسەلنى دىئاگنوزلاش ۋە داۋالاش

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | ۋاقتى: 2012/11/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 05 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قەدىمكى ئەسەرلىرىدىكى ئاق كېسەلنى دىئاگنوزلاش ۋە داۋالاش توغرىسىدىكى بايانلار

ئاق كېسەل بولسا، تېرىنىڭ مەلۇم قىسمى ياكى كۆپ قىسمى، ھەتتا پۈتۈن بەدەن تېرىسىنىڭ ئەسلى رەڭگى ئۆزگىرىپ ئاقىرىدىغان، ئومۇمىي بەدەن ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ، تېرە گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بىمارنى روھىي جەھەتتىن ئازابلايدىغان، تونۇش ئاسان، داۋالاش قىيىن بولغان بىر خىل يۇقۇمسىز سوزۇلما تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت. ئاق كېسەل ئاساسلىقى رەئىس ئەزالار ئاجىزلىقى، خىلىتلار نورمالسىزلىقى، ئىرسىيەت ئامىلى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتى تۆۋەنلەپ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش سۇسلىشىدۇ، قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بىر قىسىم كېرەكسىز ماددىلار ئارىلىق ماددا سۈپىتىدە تېرە توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقىدا يىغىلىپ تۇرۇپ قېلىپ، توقۇلما، ھۈجەيرىلەر بىلەن قان تومۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن توقۇلما، ھۈجەيرىلەر  بىلەن قان تومۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇش توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپتىن توقۇلما، ھۈجەيرىلەر ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يېتەرلىك مىقداردا ئېرىشەلمەيدۇ-دە، توقۇلما، ھۈجەيرىلەر نورمال بۆلۈنۈپ كۆپىيىش ۋە رەڭ پىگمېنت ماددىلىرىنى بىرىكتۈرۈش قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك خىزمەتلەرنى بېجىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن  ئاقىۋەتتە ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قەدىمكى ئەسەرلىرىدە ئاق كېسەلنىڭ تونۇشى، پەيدا بولۇش سەۋەبى، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى، ئاق كېسەلگە ئىشلىتىلىدىغان يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلار توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان بايانلار بولۇپ، بۇلارنى پىششىق ئىگىلەپ ، كېسەل داۋالاش جەريانىدا ئاكتىپ قوللانغاندا، ئاق كېسەلنى داۋالاش جەھەتتە،كۆڭۈلدىكىدەك داۋالاش ئۆنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

 

  
تۆۋەندە بىز بولۇپمۇ «دەستۇرۇلئىلاج»، «شەرھى ئەسباب»، «تەرىقۇل ئىلاج»، «ھازىق»، «مىزانى تىب»،  «خازائىنولمۈلۈك»، «مەخزەنۇل ئەدىۋىيە» قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قەدىمكى ئەسەرلىرىدىكى ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى بايانلارنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

تۆۋەندىكى ئۇلانما تېمىلارنى بېسىپ، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۈڭ!

1. ئاق كېسەلنىڭ نامى توغرىسىدىكى بايانلار

2 . ئاق كېسەلنى تونۇش توغرىسىدىكى بايانلار

3. ئاق كېسەلنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى بايانلار

4. ئاق كېسەلنىڭ ئالامىتى توغرىسىدىكى بايانلار

5. ئاق كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش توغرىسىدىكى بايانلار

6. ئاق كېسەلنى پەرۋىش قىلىش توغرىسىدىكى بايانلار

7. ئاق كېسەلنى داۋالاش توغرىسىدىكى بايانلار

8. ئاق كېسەلنى يەككە دورا بىلەن داۋالاش تەجرىبىلىرى

9. ئاق كېسەلنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان پىششىق دورىلار 

 

پايدىلانمىلار:
1. سۇلتان ئەلى. دەستۇرۇلئىلاج. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى . 1999- يىل 7- ئاي. ئۇيغۇرچە نەشرى .
2. ئەللامە نەجمىدىن سەمەرقەندى. شەرھى ئەسباب. پاكسىتان لاھور شەھىرى شەيخ مۇھەممەد بەشىر نەشرىياتى.  1969- يىل .ئوردۇچە نەشرى.
3. ھاجى زەينۇل ئەتتار. تەرىقۇلئىلاج، فارىسچە نەشرى
4. ھېكىم ئەجمەلخان. ھازىق. شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى . 2005- يىل 8- ئاي. ئۇيغۇرچە نەشرى .
5. ھېكىم مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانى. مىزانى تىب. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى . 2002- يىل 3- ئاي. ئۇيغۇرچە نەشرى .
6. خازائىنولمۈلۈك، فارىسچە نەشرى
7. ھېكىم مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانى. مەخزەنۇل ئەدىۋىيە.  ھىندىستان گۇجرات شەھرى شەۋكەت بۇك نەشرىياتى . فارىسچە نەشرى.


- «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2009-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان « ‹دەستۇرۇلئىلاج› قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قەدىمكى ئەسەرلىرىدىكى ئاق كېسەلگە دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاش توغرىسىدىكى بايانلار» دېگەن ماقالىدىن ئېلىندى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر