بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ھامىلىدار بولۇشقا بولامدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2013/01/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمىلەرنىڭ بىرى، قورامىغا يەتكەن ئاياللار ئىچىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ. ياش، پەرزەنتلىك بولمىغان قىز-ئاياللار بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، دەماللىقا ھامىلدار بولۇشقا بولمايدۇ.

 

 

چۈنكى، بالياتقۇدا ئوپېراتسىيە تاتۇقى قالغان بولىدۇ. بەزى مۇسكۇل ئۆسمىلىرى چوڭ، جايلاشقان ئورنى چوڭقۇر بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋىتىش زەخىمىسى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرغانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا، بالىياتقۇ مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە تولۇق كېلىۋېلىشقا مۇھتاج. ئەگەر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تۈزۈك ۋاقىت ئۆتمەستىن يەنى بالىياتقۇ تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمەستىن ھامىلىدار بولغاندا، بالىياتقۇ يېرىلىپ كېتىش خەتىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى ئېلىۋېىتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ھامىلىدار بولسا مۇۋاپىق؟ (كېيىنكى بەتكە قارالسۇن!)

  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. بۇ ماقالىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. بۇ ماقالىنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار