شىنجاڭدا راكنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2013/04/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردىن ئىگىلىشىچە، بالىياتقۇ بوينى راكى شىنجاڭدىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان راك كېسەللىكى بولۇپ، ئەمچەك راكى، ئۆپكە راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىدە ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلىۋاتىدۇ.

 

 

ئىگىلىنىشىچە، دۇنيادىكى 7 مىليارت ئادەم ئىچىدە ھەر يىلى يېڭى راك-ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپدار بولغۇچى 12 مىليۇن 700 مىڭ نەپەر، راك بىلەن ئۆلۈپ كەتكۈچى 7 مىليۇن 600 مىڭ نەپەر بولۇپ، ھەر 5 سېكۇنتتا 1 نەپەر راك بىمارى ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. جۇڭگودا بولسا، ھەر يىلى 2 مىليۇن 400 مىڭ نەپەر كىشى راك كېسەللىكىلىرىگە گىرىپدار بولۇپ، 1 مىليۇن 700 مىڭ كىشى راك تۈپەيلى قازا قىلىدىكەن.
مەملىكەتلىك 3-قېتىملىق ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ھەر 100 مىڭ كىشى ئىچىدە 135.88 نەپەر بولۇپ، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى بارلىق سەۋەبلەرنىڭ %22.32 نى ئىگىلىگەن، يەنى ھەر 5 نەپەر ئۆلگۈچىنىڭ 1 نەپىرى راك كېسەللىكى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
دىيارىمىز شىنجاڭدا، راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان 5 خىل كېسەللىك تەرتىپ بويىچە بالىياتقۇ بوينى راكى %33.14 ، قىزىلئۆڭگەچ راكى %23.95 ، جىگەر راكى %12.37 ، ئۆپكە راكى % 7.55  ۋە چوڭ ئۈچەي راكى %5.11 دىن ئىبارەت.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، جۇڭگو نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپدار بولغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، دىققىتىمىزنى قوزغاشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، دىيارىمىز شىنجاڭدا جۇغراپىيە، ھاۋا-كېلىمات، غىزالىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن يامان سۈپەتلىك راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان بىر ئەھۋالدا ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانا ئۆسمە كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، شىنجاڭدا ھازىر ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى، ئاشقازان-ئۈچەي ئۆسمە كېسەللىكلىرى بارغانسېرى ياشلىشىپ، كېسەللىك كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش يۈزلىنىشىدە تۇرۇۋېتىپتۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى ما لېينىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئاساسەن ئېرسىيە، تۇرمۇش ئادىتى ۋە مۇھىت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، مۇھىت ئامىلى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئەڭ ئوڭاي "ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ" قالىدىكەن. ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا كۆرە، كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئۆپكە راكىغا گىرىپدار بولغان ئەرلەر %32 نى، ئاياللار %22 نى ئىگىلىگەن. مۇتەخەسسىس ما لېينىڭ ئېيتىشىچە، راكنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، مۇھىت ئامىلى ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئاساسەن بارلىق راك كېسەللىكلىرى مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بارلىق ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەن بىمارلارنىڭ كېسەللىنىش سەۋەبىنىڭ %90-%80 ى تاماكا چېكىش ئىكەن. ئاز بولمىغان ئۆي بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ تەركىبىدە راكنى پەيدا قىلغۇچى ماتېرىياللار بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل تەسىر قىلغاندا، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئۈچەي، ئۆت كانىلى راكى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋراچى باۋ يوڭشىڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ياخشى بولغان تۇرمۇش مۇھىتى ھازىرلاش ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە ئۈچىن بىر ئۆلۈش راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى تامامەن ئالغىلى بولىدىكەن، قالغان ئۈچتىن بىر ئۆلۈشىنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدىكەن، ئېشىپ قالغان ئۈچتىن بىر ئۆلىشىنى بولسا مۇۋاپىق داۋالاش ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، ھاياتلىق سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

ئەلداۋا تەۋسىيەسى: بىز بەلكىم ھاۋا، سۇ مەنبەسى، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى كونترول قىلالماسلىقىمىز ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ئۆز ئۆي-ئىشخانىمىزنىڭ ياكى ماشىنا ئىچىنىڭ مۇھىتىنى يەنىمۇ پاكىز، ساغلاملىققا زىيانسىز بولغان بىر رەۋىشكە ئېلىپ كېلەلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداقلا، تاماكا تاشلاش، غىزالىنىش ئادىتىمىزنى تەڭشەش، سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، كەسپىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق چارە-تەدبىرلەر بىلەن راكنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتالىشىمىز مۇمكىن.


مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيە تېما:

1. ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىياتقۇ راكى
2. بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
3. قايسى خېل كېسەللىكلەر ئاسان راكقا ئۆزگىرىدۇ؟
4. [ئاگاھ بولۇڭ] راكنىڭ 8 تۈرلۈك بىشارىتى
5. ئۆپكە راكىنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش
6. ئەمچەك راكى توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن 9 گەپ
7. راكتىن مەڭگۈ قېرىماسلىققىچە، روھتىن تاشقى پىلانېتقىچە (يېڭى بايقاشلار)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر