تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇش توغرىسىدا

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/01/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇش توغرىسىدا

تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇش بولسا تۇغماسلىق كېسەللىكىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولۇپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈشىدە ئېشىش يۈزلىنىشى بولىۋاتىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تۇغماسلىقنى داۋالاشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
 


تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇشنىڭ تۈرى:
تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇش بىرلەمچى خاراكتېرلىك ۋە كېيىن پەيدا بولغان توسۇلۇش دەپ 2 خىل بولىدۇ. بىرلەمچى خاراكتېرلىك دېگىنىمىز تۇغما توسۇلۇش بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. كېيىن پەيدا بولىدىغان توسۇلۇش بولسا بەزى كېسەللىك ئامىللىرى ۋە ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى ئامىللار تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ، بۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.

تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇش كېسەللىك سەۋەبى:
تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى  تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلىنىش ۋە داس بوشلۇقى ياللۇغلىنىشتىن ئىبارەت. ئۇزاققىچە داۋالاپ ساقايتىلمىغان جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، جىنسىي كېسەللىك قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەردىن پەيدا بولغان تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى تۇخم توشۇش نەيچىسىنىڭ پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، تاتۇق شەكىللەندۈرۈپ، نەيچىنىڭ چاپلىشىپ تارىيىپ كېتىشىنى، ھەتتا پۈتەي بولۇپ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇشنى تەكشۈرۈش:
تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىن يەل ماڭغۇزۇپ تەكشۈرۈش، سۇ ماڭغۇزۇپ تەكشۈرۈش، رېنتىگېن ئاپپاراتىدا سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش، ب تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتىدا سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئەينىكىدە تەكشۈرۈش، قورساق بوشلۇقى ئەينىكىدە كۆزىتىپ تۇرۇپ نەيچىدىن سۇ ماڭدۇرۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
يەل ۋە سۇ ماڭدۇرۇپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاددىي، مەشغۇلاتى قولاي، تەننەرقى تۆۋەن بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بولسىمۇ، كلىنىكىلىق خىزمەت ئەمەلىيتىدىن بايقىلىشىچە، خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ قېلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى.  ھازىر چوڭ دوختۇرخانىلاردا رېنتىگېن ئاپپاراتىدا سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى.

تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇشنىڭ كلىنىكىلىق ئالامىتى:
تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇشنىڭ ھېچقانداق كلىنىكىلىق ئالامىتى ۋە بەدەن ئالامىتى يوق بولۇپ، پەقەت تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلانغان چاغدىلا قورساق تۆۋەنكى قىسىمىنىڭ ئاغىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بەزى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇش بىمارلىرىدا قورساق تۆۋەن قىسىمىنىڭ بىر تەرىپى ياكى ئىككى تەرىپى ئاغرىيدۇ، كىچىك قورساق تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، جىنسىي يولدىن كېلىدىغان ئاجرالمىلار كۆپىيىدۇ، بەل ئاغرىيدۇ، ھەيز كەلگەندە قان مىقدارى كۆپىيىدۇ. ئەمما، بۇ ئالامەتلەر ئوڭايلا باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ.

تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇشنى داۋالاش:
نۆۋەتتە، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇشنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ. نەيچىدىن سۇ ماڭدۇرۇپ داۋالاش، رېنتىگېن ئاپپاراتىدا كۆزىتىپ تۇرۇپ، ۋاسىتىلىك راۋانلاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق داۋالاش، بالىياتقۇ ئەينىكى ۋە قورساق بوشلۇقى ئەينىكى ئارقىلىق داۋالاش، جۇڭيى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دورىلىرى بىلەن داۋالاش، كلىزما قىلىپ داۋالاش، مىكرو دولقۇن بىلەن فىزىكىلىق ئۇسۇلدا داۋالاش ۋە باشقا ئېنفىرا قىزىل نۇر ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار.
تۆۋەندىكىسى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىز تەۋسىيە قىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلىدۇر:
1. دورىلىق داۋالاش
تۇخۇم توشۇش نەيچىسى (تۇربا يولى) توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەب بولغان تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى سوزۇلما ياللۇغ بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا كۆپ قىسىم دوختۇرخانىلار دورا ئارقىلىق ياللۇغ قايتۇرۇپ داۋالاش قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، جۇڭيى ۋە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالاشمۇ كۆپ قوللىنىلىدۇ. ئەمما، دورىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى تازا ياخشى دەپ كەتكۈدەك ئەمەس.
2. ئوپېراتسىيەلىك داۋالاش
(1) تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىن سۇ ماڭدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى
ھەيز توختاپ 3 كۈندىن كېيىن ئىشلەشكە بولىدۇ. ئۇدا 3-2 ھەيز دەۋرى داۋالاش قىلىنىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەنرەك، ساختا ياخشىلىنىش كۆرۈلۈش نىسبىتى  يۇقىرى.
(2) دائىمىي ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى بويىچە داۋالاش
ئوپېراتسىيەسىز داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن بىمارلارغا قارىتا تۇخۇم توشۇش نەيچىسى تۆشۈك چىقىرىش ئوپېراتسىيەسى، چاپلىشىپ قالغان ئورۇننى ئايرىش ئوپېراتسىيەسى، نەيچىنىڭ توسۇلغان يېرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ قايتا ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى، نەيچىنى بالىياتقۇغا كۆچۈرۈپ كىرگۈزۈش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىق ئوپېراتسىيەلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق داۋالاش قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئوپېراتسىيەلەرنىڭ كېسىك ئېغىزى چوڭ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ساقىيىشى ئاستىراق بولىدۇ. ئەمما، داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى تولۇق راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر