يۈز نېرۋىسى پالەچلىنىش توغرىسىدا چۈشەنچە

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/01/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 

يۈز نېرۋىلىرى پالەچلىنىش ياكى يۈز پالەچلىكى يەنە يۈز نېرۋىسى پالەچ بولۇپ قېلىش، يۈز نېرۋىسى ياللۇغى، ئاغزى مايماق بولۇپ قېلىش دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. يۈز نېرۋىسى پالەچلىكى ئادەتتە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان يۈز نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ بىنورمال بولۇشى تۈپەيلى يۈزدىكى چىراي ئىپادە مۇسكۇل توپىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلغان بىرخىل كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك.
بۇ كېسەللىك ھەرقانداق ياشتىكى كىشىلەردە كۆرۈلىۋېرىدۇ، 20-40 ياشلاردىكى ئەرلەردە كۆرۈلۈشى كۆپرەك. كېسەللىك جىددىي قوزغىلىپ، 3-1 كۈنلەردە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
 

كېسەللىكنىڭ ئىپادىسى:
ئاساسلىق ئىپادىسى چىراي ئىپادە مۇسكۇلى پالەچلىنىش، پىشانە قورۇقلىرى يوقاپ كېتىش، قوشۇمىسىنى تۈرەلمەسلىك، كۆزى يوغىناپ كېتىش، تولۇق يۇمالماسلىق ياكى يۇمالماسلىق، كۆزنى يۇمغاندا كۆز قارچۇقى ئۆستى سىرتقى تەرەپكە قاراپ يۆتىكىلىش، بۇرۇن كالپۇك ئېرىقچىسى تېيىزلىشىپ كېتىش، جاۋغاي پەسكە ساڭگىلاش، چىشىنى كۆرسەتكەندە جاۋغاي سىڭايان بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار.
سەكتىدىن بولغان مەركەز مەنبەلىك يۈز نېرۋىسى پالەچلىنىشتە شۇ تەرەپتىكى بۇرۇن، كالپۇك ئېرىقىى تېيىزلەش، جاۋغاي تۆۋەنلەش، چىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە جاۋغاي تەرەپكە كېتىش قاتارلىقلار بولىدۇ. پېشانە قورۇقلىرى يوقىلىش، ئۈستۈنكى قاپاق ساڭگىلاش ۋە قوشۇمىسىنى تۈرەلمەسلىك قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. سەكتە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈزىدىكى ئىپادىلەر بالدۇر باشلىنىدۇ. شۇڭا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش لازىم.

يۈز نېرۋىلىرى پالەچلىنىشنى داۋالاش:
كلىنىكىدا ئالامىتىگە ۋە جىددىي قوزغىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بۇ كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. داۋالاشتا، دورىلىق داۋالاش، فىزىكىلىق داۋالاش، جۇڭيى-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بويىچە داۋالاش، يىڭنە سانچىپ داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوپېراتسىيەلىك داۋالاش ئۇسۇللىرى بويىچە داۋالاشقا بولىدۇ.
يۈز نېرۋىسى پالەچلەنگەن بىمارلارنىڭ ئاقىۋېتى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۆز-ئارا پەرق چوڭ، ياشلارنىڭ ئاقۋېىتى ياخشىراق، ياشانغانلارنىڭ بولۇپمۇ دىئابېت، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئاقىۋېتى ناچارراق بولىدۇ.
يۈز نېرۋىسى پۈتۈنلەي پالەچ بولمىغان بىمارلار كېسەللىك قوزغىلىپ 3-1 ھەپتىدە ساقىيىشقا باشلايدۇ، 2-1 ئايدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىپ ياكى تولۇق ساقىيىپ كېتىدۇ. يۈز نېرۋىسى تولۇق پالەچلەنگەن بىمارلار كېسەللىنىپ 1 ھەپتىدىن كېيىن يۈز نېرۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئاقىۋېتىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ، ئاكتىپ داۋالاش ئارقىلىق ئادەتتە 8-2 ئاي ئىچىدە ساقىيىپ كېتەلەيدۇ. ئاز ساندىكى بىمارلاردا يۈزى تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى ئاسارەت قالىدۇ.

يۈز نېرۋىسى پالەچلەنگەن بىمارلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. نۇرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشى لازىم. تېلېۋۇزۇرنى ئاز كۆرۈشى، كومپيۇتېرغا ئاز قارىشى، سىرتقا چىققاندا كۈن نۇرىنى توسقۇچى كۆزئەينەك تاقىشى بۇ ئارقىلىق ئۇلترا بېنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىنى ئازايىتىشى لازىم.
2. سوغۇق سۇ بىلەن يۈزىنى يۇيماسلىقى، سوغۇق ھاۋادا ئۇزاق تۇرماسلىقى، باش- يۈز قىسمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
3. چارچاشتىن، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن، جىددىيلىشىشتىن ۋە باشقا بىئارامچىلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم. روھى كەيپىياتنىڭ ئازادە، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
4. ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
5. ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ھاراق-تاماكىنى تاشلاش، ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان تاماقلار بىلەن غىزالىنىش، ئاچچىق-چۈچۈك غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
6. ئەتىگەن-ئاخشاملىرى يۈز قىسىمىنى ئۇۋلاپ بېرىش، ئەينەككە قاراپ يۈز مۇسكۇلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش، مەسىلەن كۆز يۇمۇش، ئېچىش، ئىسقىرتىش، چىشىنى چىقىرىش دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى كۆپ ئىشلەپ بېرىش كېرەك. بۇ يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ يىگىلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقىيىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر