ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ بېشارەتلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى | ۋاقتى: 2015/02/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 05 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05


    ياغ مېتابولىزىمىنىڭ نورمالسىزلىشىشى، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى، تاماكا چېكىش، ھاراققا بېرىلىش، ئىرسىيەت ۋە ياش ئامىلى، سەمىرىپ كېتىش، بىساغلام ئوزۇقلىنىش ۋە ھەرىكەت يېتەرلىك بولماسلىقلار ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك بەدەندە مۇنداق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ:
 


    مېڭە ئارامسىزلىنىش: دائىم چاچ چۈشۈش، باش چىڭقىلىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، قۇلاق غۇڭۇلدا، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك.

    ئۇيقۇسىزلىق: ياتقاندىن كېيىنمۇ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالماسلىق، چۆچۈش، ئويغىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇخلىيالماسلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، كۆرگەن چۈشنى ئەسلىيەلمەسلىك، كۆپ ئۇخلاش، ئۇيقۇ خۇمار بولۇش، چارچاش.

    ئەستە تۇتۇش كۈچى چېكىنىش: باشقىلارنىڭ ئىسمى، سان-سېفىر ۋە يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قېلىش. ھەرىكەت ئۆزگىرىشى ۋە ئىنكاسى ئاستىلاش، ئىجتىمائىي ئالاقە ئازىيىش، يالغۇز يۈرۈشنى خالاش.

    ئۇنۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلاش: يېڭى نەرسىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى چېكىنىش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش؛ كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىپادىسى سۇسلىشىش، ئەتراپتىكى نەرسىلەرگە قىزىقماسلىق، باشقىلارغا قىزغىن بولماسلىق.

    نورمالسىزلىنىش: تۇرمۇشتىىكى ئۇششاق ئىشلارغا ھاياجانلىنىش، ئاچچىقلىنىش، قايغۇرۇش، كەيپىيات تۇراقسىزلىىش.

    قىسقا مۇددەت بەدەن ئۇيۇشۇش: بەدەن ئۇيۇشۇش ياكى بەدەننىڭ بىر قىسمى ئۇيۇشۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، تۇيغۇ نورمالسىز بولۇش.

    مېڭىش ھالىتى تۇراقسىز بولۇش: بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار يول ماڭغاندا ۋە ئۆرۈلگەندە تۇراقسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئاسان يىقىلىپ كېتىدۇ.

 

  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. بۇ ماقالىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. بۇ ماقالىنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر