بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: شىنجاڭ پەن - تېخنىكا گېزىتى | ۋاقتى: 2015/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

بۇرۇن  ياللۇغى  جىددىي  ۋە  سوزۇلما  خاراكتېرلىك  دەپ  ئىككى  تۈرگە  بۆلۈنىدۇ.  جىددىي  خاراكتېرلىك  بۇرۇن  ياللۇغى  نەپەس  يولىنىڭ  ۋىرۇستىن  يۇقۇملىنىشىدىن  پەيدا  بولىدۇ.  سوزۇلما  خاراكتېرلىك  بۇرۇن  ياللۇغى  بولسا،  كۆپىنچە  جىددىي  خاراكتېرلىك  بۇرۇن  ياللۇغىنى  ۋاقتىدا،  ئۈزۈل  -  كېسىل  داۋالاتمىغانلىقتىن  ياكى  فىزىكىلىق،  خىمىيىلىك  ئامىللارنىڭ  غىدىقلىشى،  دورا  ئىشلىتىشنىڭ  مۇۋاپىق  بولماسلىقى  قاتارلىق  سەۋەبلەردىن  پەيدا  بولىدۇ.
جىددىي  خاراكتېرلىك  بۇرۇن  ياللۇغىنىڭ  ئالدىنى  ئېلىشتا:

 


1)  بەدەننىڭ  كېسەلگە  قارشى  كۈچىنى  تۆۋەنلىتىدىغان  ھەر  خىل  ئامىللاردىن،  مەسىلەن،  زىيادە  چارچاش،  قېنىپ  ئۇخلىماسلىق،  سوغۇق  ئۆتكۈزىۋېلىش،  ھاراق  ئىچىش،  تاماكا  چېكىش  قاتارلىقلاردىن  ساقلىنىش  لازىم.  بەدەننىڭ  كېسەلگە  قارشى  كۈچى  تۆۋەنلەپ  كەتسە،  بۇرۇن  شىللىق  پەردىسىنىڭ  تەڭشەش  ئىقتىدارى  ناچارلىشىپ،  مۇداپىئە  رولى  ئاجىزلايدۇ  半  دە،  ۋىرۇستىن  يۇقۇملىنىش  كېلىپ  چىقىدۇ.  2)  بەدەننىڭ  كېسەلگە  قارشى  كۈچىنى  ئاشۇرۇش  لازىم.  چېنىقىشنى  داۋاملاشتۇرۇپ،  بەدەننىڭ  ماسلىشىشچانلىقىنى  ئاشۇرۇش  ھەمدە  ئۈستۈنكى  نەپەس  يولى  كېسەللىرى  ۋە  باشقا  سوزۇلما  خاراكتېرلىك  كېسەللەرنى  ۋاقتىدا  داۋالىتىش  لازىم.  سەھەردە  يۈگۈرۈش،  يۈزىنى  سوغۇق  سۇدا  يۇيۇش  قاتارلىقلار  بۇرۇن  ياللۇغىنىڭ  ئالدىنى  ئېلىشقا  پايدىلىق.
3)  تەبىئىي  دورىلار  بىلەن  ئالدىنى  ئېلىش  لازىم.  سوغۇق  ئۆتكۈزىۋالغاندا،  زەنجىۋىل  بىلەن  قارا  شېكەرنى  سۇدا  قاينىتىپ  ئىچسە،  ئوبدان  مەنپەئەت  قىلىدۇ.  ئۇنىڭدىن  باشقا،  زۇكام  تارقالغان  مەزگىللەردە  ئۈز  بەر  (芥荆)،  كەۋرەك(风防)،  ئوسما  يىلتىزى  (根蓝ءۇ)،  چۈچۈكبۇيا  (草甘生)  قاتارلىقلاردىن  ياسالغان  دورىلارنى  ئىچىپ،  زۇكامنىڭ  ئالدىنى  ئېلىش  لازىم.
جىددىي  خاراكتېرلىك  بۇرۇن  ياللۇغىنى  ۋاقتىدا  داۋالىتىش    -    سوزۇلما  خاراكتېرلىك  بۇرۇن  ياللۇغىنىڭ  ئالدىنى  ئېلىشتىكى  مۇھىم  ئامىل.  بۇرۇنغا  تېمىتىدىغان  دورىلارنى  ئىشلەتكەندە،  دورا  سۇيۇقلۇقىنىڭ  ئوسموتىك  بېسمى،  PH  قىممىتى،  قۇيۇقلۇقى  مۇۋاپىق  بولۇشى  لازىم.  تېمىتىدىغان  دورىلارنى  دوختۇرنىڭ  كۆرسەتمىسىگە  ئاساسەن  ئىشلىتىش  كېرەك.  ئۇزۇن  مۇددەت  ياكى  خالىغانچە  ئىشلىتىشكە  ھەرگىز  بولمايدۇ.  بولمىسا،  بۇرۇن  ياللۇغىنى  ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى  مۇمكىن.
   

  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. بۇ ماقالىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. بۇ ماقالىنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر