كىچىك سىناق: مەزى بېزى يوغىناشقا گىرىپتار بولۇپسىزمۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/02/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

نورمال مەزى بېزى كاشتان چوڭلۇقتا بولىدۇ. مېدىتسىنادا مەزى بېزىنىڭ ئۆسۈپ قېلىشىنى مۇنداق ئۈچ دەرىجىگە ئايرىيدۇ. بىرىنچى دەرىجە كەپتەرنىڭ تۇخۇمى چوڭلۇقىدا، ئىككىنچى دەرىجە توخۇ تۇخۇمى چوڭلۇقىدا، ئۈچىنچى دەرىجە ئۆردەك تۇخۇمى چوڭلۇقىدا بولىدۇ. بىرقىسىم بىمارلارنىڭ مەزى بېزى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە ئۆسۈپ قالسىمۇ، سىيگەندە، بەك قىيلىنىپ كەتمەيدۇ، ھالبۇكى يەنە بىرقىسىم بىمارلارنىڭ كىچىكرەك ئۆسۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئورنى دەل مەزى بېزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولغاچقا، ئېغىر دەرىجىدىكى سۈيدۈك توسۇلۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىدۇ. مەزى بېزىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى پەقەت مەزى بېزى تەنچىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىلا چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى كۆرسەتمەيدۇ.

 


مەزى بېزىنىڭ ئاناتومىيىلىك ئورنى بويىچە ئايرىغاندا، ئۇ ئالدى، ئارقا، ئوڭ، سول، ئوتتۇرا قانات دەپ ئاتىلىدۇ. يېقىن ئۇچى سۈيدۈك يولىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى بەز تەنچىسىنى ئوراپ تۇرىدۇ. نورمال مەزى بېزى ئىچىدە، سىرتقى بەز مەزى بېزىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن بولىدۇ، ئىچكى
بەز مەركىزىنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر ئۆسۈكچى مەزى بېزىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى بەز تەنچىسىدە كۆرۈلسە، مەقەت ئىچىگە قول سېلىپ تەكشۈرگەن تەقدىردىمۇ مەزى بېزىنىڭ ئۆسۈپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئىچكى بەز سۈيدۈك قاتلىمىسىنى چىڭ ئوراپ تۇرغاچقا، ئازراقلا ئۆسۈپ قالغان تەقدىردىمۇ سۈيدۈك يولىنى ناھايىتى ئاسان توسۇۋالىدۇ-دە، سۈيدۈك تەستە كېلىدىغان بوپقالىدۇ. سىرىتقى بەز ئاساسەن سىرىتقا قاراپ ئۆسكەچكە، بەزى ھاللاردا بەك كۆپ ئۆسۈپ ئۈچىنچى دەرىجىگە بېرىپ قالسىمۇ، سۈيدۈك يولىنى بېسىۋالمايدۇ. شۇڭا، سۈيدۈك توسۇلۇش ئالامىتى، ياكى كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولىدۇ.
 كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى شەرھىيلەش ئۈچۈن، مەزى بېزىنىڭ ئۆسۈپ قېلىشى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا ئايرىلىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچتا: سىيگەندە قىينىلىش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش، كېچىسى سۈيدۈك كۆپىيىش، سۈيدۈك كۈچسىز كېلىش، سىيىش قىيىنغا توختاش سەۋەبىدىن سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش، لېكىن دوۋساقتا سۈيدۈك قالدۇقى قالماسلىق ئالامىتى بولىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچتا: كېسەللىك ئالامىتى دوۋساق ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى بىلەن باشلىنىپ، سۈيدۈكنى پۈتۈنلەي سىرىتقا ھەيدىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن دوۋساققا قالدۇق سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىپ، دائىم ئاستا خاراكتېرلىك باكتېرىيە تىپىدىكى دوۋساق ياللۇغى پەيدا بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچتا: كېسەللىك ئالامىتى ئۇزۇن مۇددەت سىيگەندە قىيلىنىش سەۋەبىدىن دوۋساقنىڭ سىرىتقا چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى بىلەن سۈيدۈك تۇتۇلۇپ قېلىش، بۆرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولماسلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.


ئۆزىڭىزدە مەزى بېزى يوغىناش ئەھۋالى بار-يوقلۇقىنى تۆۋەندىكى كۆرسەتكۈچلەر بويىچە نومۇر قويۇپ بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ:

بىرىنچى سۇئال: كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش، تولۇق سىيىپ بولالمىغاندەك تۇيغۇ بارمۇ يوق؟
1. يوق؛ 2. گاھىدا بار؛ 3. دائىم بار
ئىككىنچى سۇئال: سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش، تولۇق سىيىپ بولالماسلىق ئەھۋالى بارمۇ يوق؟
1. يوق؛ 2. گاھىدا بار؛ 3. دائىم بار
ئۈچىنچى سۇئال: سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندە قىينىلىش ئەھۋاللىرى بارمۇ يوق؟
1. يوق؛ 2. گاھىدا بار؛ 3. دائىم بار
تۆتىنچى سۇئال: ئەۋرەت قىسمى چىڭقىلىش، مەقئەت ئەتراپىقى چىڭقىلىش ئەھۋالى بارمۇ يوق؟
1. يوق؛ 2. گاھىدا بار؛ 3. دائىم بار
بەشىنچى سۇئال: قۇيرۇق سۆڭەك يەنى بەل توققۇز كۆز سۆڭكى دائىرىسى بىئارام بولۇش، چىڭقىلىپ ئاغرىش ئەھۋالى بارمۇ يوق؟
1. يوق؛ 2. گاھىدا بار؛ 3. دائىم بار
ئالتىنچى سۇئال: جىنسىي ئىقتىدار چېكىنىش ئەھۋالى بارمۇ يوق؟
1. يوق؛ 2. گاھىدا بار؛ 3. دائىم بار
يەتتىنچى سۇئال: جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن كىچىك قورساق ياكى ئەۋرەت قىسمى بىئارام بولۇش ئەھۋالى بارمۇ يوق؟
1. يوق؛ 2. گاھىدا بار؛ 3. دائىم بار
سەككىزىنچى: ياش پەرقى
40 ياشتىن تۆۋەنلەر 0 نومۇر؛ 55-43 ياشتىكىلەر 1 نومۇر؛ 56 ياشتىن چوڭلار 2 نومۇر.

نومۇر قويۇش ئۇسۇلى:
يوق بولسا 0 نومۇر، گاھىدا بار بولسا 1 نومۇر، دائىم بار بولسا 2 نومۇر قويۇلىدۇ.

سىناقنىڭ جاۋابى:
ئەگەر سىزنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىڭىز 5-3 بولسا مەزى بېزىڭىزدە يوغىناش كۆرۈلگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك كۈتۈنۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىڭىز ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈنۈپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
ئەگەر ئېرىشكەن نومۇرىڭىز 6 دىن يۇقىرى بولسا، سىز ئاللىقاچان مەزى بېزى يوغىناش كېسەللىكىگە گىرىپدار بولغان ھېسابلىنىسىز. شۇڭا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش-دىئاگنوزلاشلارنى قوبۇل قىلىپ، سىستېمىلىق داۋالىنىشىڭىز لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر