كىچىك سىناق: مەزى بېزىڭىز ساغلاممۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/02/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىمىزدە دائىم تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولمىغانلىقىنى سوراپ يوللىغان مەسلىھەت تېمىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى بار بولۇپ، ئۆزىمىزدىكى ئالامەتلەرنى ياخشى كۆزەتكەندە، سالامەتلىك ئەھۋالىمىزغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىشىمىز تەسكە توختىمايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ «ئىخلاسمەن مۇخلىسلىرى» لىرىدۇر. مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان ئەرلەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان، تەكرار قوزغالغان كېسەللىكنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىشماقتا. ھالبۇكى، كۆپىنچە مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان «نىمكەش» بىمارلار ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپقانلاردۇر. چۈنكى، ئۇلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئەھمىيەت بېرىشمەيدۇ، ئادەتتە تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېسەللىكى توختىماي ئېغىرلىشىپ، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قېلىش قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەندىلا، ئاندىن داۋالىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.
 


 مەزكۇر سىناقنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن مەزى بېزى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى نومۇر قويۇپ باھالاش ئۆلچىمى ئاساسىدا تۈزگەن بولۇپ، تورداشلار بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەزى بېزى ساغلاملىق ئەھۋالىنى چۈشىنىۋالالايدۇ.

1. يېقىنقى 1 ئاي ئىچىدە، سىيىپ بولۇپ، تولۇق سىيىپ بولالمىغاندەك ھېس قىلىش قېتىم سانىڭىز قانچە؟
2. سىزنىڭ 2 سائەت ئىچىدە تەكرار كىچىك تەرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇش قېتىم سانىڭىز قانچە؟
3. سىيىۋاتقان چاغدا سۈيدۈك كۆپ قېتىم توختاپ قېلىپ يەنە سىيىشنىڭ قېتىم سانى قانچە؟
4. كىچىك تەرەتنى كېچىكتۈرۈپ قىلىشقا ئىلاج قىلالماي قالغان ئەھۋالنىڭ قېتىم سانى قانچە؟
5. سۈيدۈك جانسىز كېلىشنىڭ قېتىم سانى قانچە؟

يۇقىرىقى 5 سۇئالنىڭ جاۋابى ئۈچۈن ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا قاراپ، ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىدى -0، %25 -1، %50 دىن كىچىك- 2،  %50 -3، %50 دىن ئوشۇق - 4، دائىم شۇنداق -5 دېگەن جاۋابلار بويىچە، 0 دىن باشلاپ 5 كىچە نومۇر بەرسىڭىز بولىدۇ.

6. يېقىنقى 1 ئاي ئىچىدە، بېسىپ ياكى سىقىپ تۇرۇپ سىيىشكە مەجبۇر بولغان قېتىم سانىڭىز قانچە؟
7. كېچىسى ئۇخلىغاندىن كېيىن تاڭ ئاتقاندا ئويغانغىچە كىچىك تەرەتكە چىقىش قېتىم سانىڭىز قانچە؟

يۇقىرىقى 2 سۇئالنىڭ جاۋابى ئۈچۈن ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا قاراپ، 0 قېتىم، 1 قېتىم، 2 قېتىم، 3 قېتىم، 4 قېتىم، 5 قېتىم دېگەن جاۋابلار بويىچە، 0 دىن باشلاپ 5 كىچە نومۇر بەرسىڭىز بولىدۇ.

سىناقنىڭ نەتىجە ئىزاھاتى: 0 دىن 7 گىچە بولغان نومۇرغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يېنىك دەرىجىدە، 8 دىن 19 غىچە نومۇرغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئوتتۇرىھال دەرىجىدە، 20 دىن 35 كىچە بولغان نومۇرغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر دەرىجىدە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. يېنىك دەرىجىدىكىلەر قەرەللىك تەكشۈرۈنۈپ، كۈتۈنۈشكە دىققەت قىلىشى، ئوتتۇرا ۋە ئېغىر دەرىجىدىكىلەر سىستېمىلىق تەكشۈرۈنۈش ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
ئىگىلىنىشىچە، ئەرلەرنىڭ %80 دىن ئارتۇقراقى ئوخشاش بولمىغان مەزى بېزى كاشىلىسىغا دۇچ كېلىدىكەن. مەزى بېزىدە كېسەللىك پەيدا بولسا، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، سۈيدۈك ئاچماق كېلىش، سۈيدۈك جانسىز، ئىنچىكە كېلىش، ئاغرىتىپ كېلىشكە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ۋاقتىدا داۋالانمىغاندا، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىپ، ئاز بولمىغان ئەرلەر «جىنسىي ئىش تاشلاش» قا مەجبۇر بولىدۇ. بۇلارنىڭ باش جاۋابكارى دەل مەزى بېزى ياللۇغىدۇر.
ئەلداۋا كۆرسەتمىسى: يېشى 40 تىن ئاشقان ئەرلەر سىيىش ۋاقتىنى ئۆزى ھېسابلاپ، ئەگەر 1 مىنۇت ئىچىدە تولۇق سىيىپ بولالمىسا مەزى بېزىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى پەملىسە بولىدۇ. بۇندىن باشقا، سۈيدۈكنىڭ ئۈزۈلمەي كېلىش ئەھۋالى ياخشىمۇ ناچار؟ تامچىلاپ كېلىش ئەھۋالى بارمۇ يوق؟ سىيگەندە سۈيدۈك چىقىرالماي قىينىلىش ئەھۋالى بارمۇ يوق؟ سۈيدۈك ئىلگىرىكىدىن ئىنچىكىلەپ كەتتىمۇ يوق؟ بۇ ئەھۋاللارغا قاراپمۇ مەزى بېزىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئالامەتلەر روشەن بولسا، دەل ۋاقتىدا سۈيدۈك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ، دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈپ دىئاگنوزلىشى ۋە داۋالىشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
كۈتۈنۈشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
1. قايناقسۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە، سۈيدۈكنى سۇيۇلدۇرۇپ مەزى بېزىغا بولغان غىدىقلاشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
2. دائىم ئىلمان سۇدا يۇيۇپ بەرگەندە، مەزى بېزىنىڭ جىددىيلىكىنى بېسىقتۇرغىلى بولىدۇ.
3. يەرلىك ئورۇننىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
4. ئۇزاق ئولتۇرماسلىق، يەرلىك ئورۇننىڭ سۈركۈلىشىنى ئازايتىش.
5. لازا، زەنجىۋىلگە ئوخشاش غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش
6. شوخلا، تاۋۇز، ئۈزۈمگە ئوخشاش قىزىل رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش لازىم. بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى لىكوپېن ماددىسى مەزى بېزى توقۇلمىلىرىنى ئاسراش تەسىرىگە ئىگە.

  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. بۇ ماقالىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. بۇ ماقالىنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر