سىناقتىن ئۆتكەن قەۋزىيەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەپچىل رېتسېپى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/09/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

قەۋزىيەت كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك تۈرى. گەرچە بۇ ھەقتە كۆپ تېمىلار يوللانغان بولسىمۇ، لېكىن بىر دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئۇنىڭغا مەنپەئەت قىلغان، مېۋە بىلەن قەۋزىيەتتىن قۇتۇلۇش يولىنى دوستلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم، دوستۇم مۇشۇ خىل شەكىلدە 2 ھەپتە داۋاملاشتۇرغان ئىكەن، نۇرغۇن دورا يەپ، كۆپ داۋالىنىپ ساقايمىغان قەۋزىيەت كېسىلى پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتىپتۇ، بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئوخشاش بولمىغاچقا، ساقىيىش نىسبىتى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ دوستلار پايدىلىنىپ باقارسىلەر.


1. كەرەپشە كۆكمۇچ شەربىتى بىلەن قەۋزىيەتنى داۋالاش
ياساش ئۇسۇلى: كەرەپشە كۆكمۇچتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئادالاپ يۇيۇپ، ئۇششاق توغرايمىز. ئاناناس يەنى بولۇنىڭ پوستىنى سويۇۋىتىپ ئۇششاق توغراپ ھەممىسىنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، ئۈستىگە سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ، بىر قوشۇق ھەسەل، بىر قوشۇق لىمون شەربىتى قۇيۇپ بىر ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستاكانغا قۇيۇپ ئىستېمال قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: ئاشقازان يارىسى، بوۋاسىر كېسىلى بارلار كۆكمۇچنى ئاز ئىستېمال قىلىشى ياكى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك، لېكىن كۆكمۇچنىڭ ئورنىغا تەرخەمەكنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا كەرەپشە تەركىبىدىكى ۋىتامىن س بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
2. ئالما بىلەن قەۋزىيەتنى داۋالاش
ياساش ئۇسۇلى: ئالمىنى يۇيۇپ، ئاقلاپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، توغراپ مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ، ھەسەل، لىمون سۈيى قاتارلىقلارنى سېلىپ، بىر ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئىستېمال قىلىمىز.
تەسىرى: ھاردۇق چىقىرىدۇ، قان بۇزۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ. ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم داۋالايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر