كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنىڭ پەرۋىشى ۋە كۈتۈنۈشى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. بىمار كۆزىنى كۈچەپ قىسماسلىقى، ئوپراتسىيە قىلغان كۈنى ئىمكانقەدەر كۆپ ئارام ئېلىشى، ئېغىر ھەرىكەت قىلىش، بەلنى ئېگىپ زىيادە كۈچەشتىن ساقلىنىشى لازىم. يۆتىلىش ۋە قۇسۇش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر يۆتەل ۋە قۇسۇشنى توختىتىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.
2. ئوپراتسىيىدىن كېيىن تۈز يېتىش، باشنى كۆپ مىدىرلاتماستىن، ئەركىن تۇتۇش، ئەركىن نەپەسلىنىش، نەپەسنى قىسماسلىق ۋە كۈچەپ چۈشكۈرمەسلىك لازىم. تاماق يېيىش، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغاندا ھەرىكىتى ئاستىراق بولۇش، باشنى تۆۋەن قىلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم.
3. ئوپراتسىيىدىن كېيىن تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئاچچىق يېمەكلىكلەر، چايناش، يۈتۈش قىيىن بولغان، قاتتىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش، ھەر كۈنى بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش لازىم.
 4. ئوپراتسىيىدىن كېيىن كۆز تورلىشىش، يېنىك دەرىجىدە بىئاراملىق ھېس قىلىش نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئادەتتە بىماردا ئاغرىش سېزىمى بولمايدۇ. ئەگەر روشەن بولغان كۆز ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىش ياكى باشقا بىئاراملىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، تەدبىر قوللىنىش زۆرۈر.
5. ئوپراتسىيە قىلىنغان كۆز مېتال ياكى سۇلياۋ كۆز توسقۇچ بىلەن ئېتىپ قويۇلۇشى، دوختۇر ھەركۈنى بىر قېتىم دورا ئالماشتۇرۇشى كېرەك.
6. ياشانغانلاردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى يېشى چوڭ، تېنى ئاجىزلار بولۇپ، تېنىدە تۈرلۈك كېسەللىك ئاسارەتلىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا دورا بىلەن داۋالاشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش، زۆرۈر بولغاندا مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار ھەمكارلىشىپ داۋالاش لازىم.
7. ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە پاسكىنا سۇنىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، كۆز بېسىمىنىڭ ئېشپ كېتىشىدىن ۋە زەخمىلىنىشىدىن  ساقلىنىش كېرەك.
8. ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدرىجىي تۇراقلىشىدۇ، بۇمەزگىلدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈش، زۆرۈر بولغاندا كۆزەينەك تاقاپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر