ئەرلەر سۈيدۈك ياللۇغىنىڭ 8تۈرلۈك سەۋەبى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

سۈيدۈك يولى ياللۇغى (尿道炎) ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بىماردا پات-پات سىيىش، سىيگەندە كۆيۈشۈپ ئاغرىش، قان سىيىش، سۈيدۈك يولىدىن شىلىمشىق ئاجرالمىلار كېلىشكە ئوخشاش بەزى كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن باشقا، كېسەللىكنىڭ ئۇزاققىچە ئۈنۈملۈك داۋالانماسلىقى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى، كۆپىيىش سىستېمىسى ۋە بىمارنىڭ پۈتكۈل بەدەن ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە ناچار تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تۆۋەندە، ئەرلەردە سۈيدۈك يولى ياللۇغى پەيدا بولۇشنىڭ ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان 8 تۈرلۈك سەۋەبىنى يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

1. داۋالىنىشتا دورىلارنى مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلەتمەسلىك، ئورگانىزمدىكى سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى (淋球菌) دە دورىغا قارىتا بەرداشلىق (耐药) شەكىللىنىۋېلىش.
2. قايتا يۇقۇملىنىش، جىنسىي جۆرىسى داۋالانماسلىق.
3. دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە دورا ئىستېمال قىلماسلىق، ھاراق ئىچىش ۋە ئاچچىق-چۈچۈك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىشى.
4. داۋالاشتا پەقەت مەلۇم بىر خىللا كېسەللىك مەنبەسىگە قارشى تۇرىدىغان دورا بېرىش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش نەزەردىن ساقىت بولۇپ قېلىش. مەسىلەن، تراخوما خلامىدىيە (沙眼衣原体) ياكى مىكوپلازما (支原体) يۇقۇملىنىشى قوشۇلۇپ كەلگەندە توغرا داۋالاشقا ئېرىشەلمەسلىك.
5. تامچە قۇرت پەيدا قىلغان سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش.
6. بەزى باكتېرىيىلىك يۇقۇملىنىشلار خاس بولمىغان (非特异性) سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.
7. يەرلىك ئورۇننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشى تۈپەيلى مەزى بېزى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
8. سۈيدۈك يولى شىللىق پەردىسى ياللۇغسىمان زەخىملىنىپ، مەسىلەن سۇلۇق ئىششىپ، يوغىناپ ئەسلىگە قايتالماي ياكى يەرلىك ئورۇندىكى نېرىپلار تارتىلىپ كەتكەندە، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر