« سۈيدۈك رەڭگىنىڭ قېنىقلىشىپ قېلىشى » جىگەرنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەيدىغان بارومېتىر

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

    زور بىر قىسىم جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ھەزىم قىلىش يوللىرىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى، سۈيدۈكنىڭ رەڭگىنىڭ قېنىقلىشىپ قالىدىغانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ، دەسلەپتە سۇس سېرىق رەڭدە بولۇپ، كېيىن سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، ئەڭ ئاخىردا قېنىق چاينىڭ رەڭگىگە كىرىدۇ.

بەزىلەر زىيادە جىددىيلىشىپ، سۇنى ئاز ئىچكەنلىكىم ئۈچۈن « ئىسسىقىم ئېشىپ قاپتۇ » دەپ قارايدۇ. سۇ ئىچىپ بەرگەندىن كېيىن رەڭگى بىرئاز سۇسلىشىدۇ، لېكىن ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىكى سۈيدۈكنىڭ رەڭگى يەنە قېنىقلىشىپ قالىدۇ. بۇ چاغدىكى سۈيدۈك رەڭگىنىڭ قېنىقلىشىپ قېلىشى تاسادىپىي ئەھۋال بولماستىن، جىگەردىن چىققان « چاتاق » سېرىقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
جىگەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە سۈيدۈكنىڭ رەڭگى نېمە ئۈچۈن قېىنقلىشىپ قالىدۇ، بۇ جىگەرنىڭ بىلىرۇبىننى ئۆزگەرتىش ۋە چىقىرىۋېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بەدەندە پەيدا بولغان ۋاستىلىك بىلىرۇبىن ( 胆红素 ) جىگەرگە يوللىنىپ ئۆگىرىش ئېلىپ بېرىشى، ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى بىۋاستە بىلىرۇبىن ئۆت سىستېمىسى ئارقىلىق ئۈچەي يولىغا چىقىرىلىشى كېرەك.

مۇتلەق كۆپ قىسىم بىلىرۇبىن گەندە ئۆت پىگمېنتىغا ئايلىنىپ تەرەت بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. باشقا ئاز بىر قىسىم بىلىرۇبىن جىگەر، ئۈچەيدە ئايلانغاندىن كېيىن سۈيدۈك ئۆت پىگمېنتىغا ئايلىنىپ يۈرەكتىن ئۆتۈپ سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر جىگەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولسا، ئۇنىڭ بىلىرۇبىننى چىقىرىۋېتىشىدە توسالغۇلۇق پەيدا بولۇپ، تەرەت ۋە سۈيدۈكتىكى تەرەت بىلىرۇبىنى بىلەن سۈيدۈك بىلىرۇبىننىڭ مىقدارىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، رەڭگىنىڭ قېنىقلىشىپ قېلىشى ئەنە شۇنىڭدىن بولىدۇ.

ئەگەر سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىپ قېلىش بىلەن بىللە ھەزىم قىلىش يولىدا كېسەللىك ئالامىتى روشەن كۆرۈلسە، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بۇ جىددىي خاراكتېرلىك سېرىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر