قانداق كىشىلەردە دېۋەڭلىك كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. ياشانغانلار: تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىي تەتقىقاتىغا قارىغاندا، 60 ياشتىن ئاشقانلاردا ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كېسەل بولۇش نىسبىتىمۇ ئېشىپ، ھەر بەش ياش ئاشقاندا كېسەل بولۇش نىسبىتى بىر ھەسسە دېگۈدەك ئاشىدىكەن.
2. ئاياللارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەرلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ؛ ئاياللاردا دېۋەڭلىك كېسەللىكى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتىنى 26:7 بولۇپ، بۇ ئېھتىمال ئاياللاردا ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن، ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ياكى ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەرلەردە قان تومۇر مەنبەلىك دېۋەڭلىك كۆپرەك بولىدۇ.
3. مەەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەنلەر: ماتېرىياللارغا قارىغاندا، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىگە نىسبەتەن مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ساۋاتسىز، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن ھەم جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار كىشىلەرنىڭ قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار بىلەن زىيالىيلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى ئاستىراق بولۇپ، قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولىدىكەن.
4. جەمەتىدە دېۋەڭلىك كېسەللىكى بار كىشىلەر: قېرىلىق دېۋەڭلىكى ئىرسىيەتلىك بولىدۇ. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، جەمەتىدىكى يېقىن تۇغقانلارنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ھازىرقى تەتقىقاتتىن، كۆپ خىل گېنلىق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنىڭ قېرىلىق دېۋەڭلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالدى.
5. ئىممۇنىتېت فۇنكسىيەسى تۆۋەنلەر: مۇنداق كىشىلەر ۋىرۇس بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. تەتقىقاتلاردا بەزىبىر ۋىرۇسلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا تەرەققىي قىلىشچان ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، قېرىلىق دېۋەڭلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارالماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىممۇنىتېت فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىش تونۇش-بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆگىرىشى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.
6. جورىسىدىن ئايرىلغان، بويتاق ۋە غەمكىن يۈرىدىغانلار: ياشانغانلارنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىشى ئاز بولغاچقا، ئۇلاردا دېۋەڭلىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
7. قان يېتىشمەسلىك مەنبەلىك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار: قان تومۇر مەنبەلىك دېۋەڭلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ئاساسلىقى قان يېتىشمەسلىك مەنبەلىك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، كۆپ ئورۇندا پەيدا بولغان مېڭە تىقىلمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىمارلاردا ھەمىشە يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش ياكى دىيابېت كېسەللىكى، يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىك تارىخى ھەمدە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ھەرىكەت ئاز بولۇش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر بولىدۇ، كۆپ قېتىم مېڭە تىقىلمىسى قوزغىلىشتىن پەيدا بولغان مېڭىدىكى كەڭ دائىرىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى، مېڭە توقۇلمىسى يىگلەش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئوڭايلا قان تومۇر مەنبەلىك دېۋەڭلىك يۈز بېرىدۇ.
8. ئەزا خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلار مېڭە ئۆسمىسى، مېڭە ياللۇغى بولغانلاردا ئاسانلا قېرىلىق دېۋەڭلىكى يۈز بېرىدۇ.
9. ئۇزاق ۋاقىت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش، تەشۋىشلىنىشكە ۋە سپازمىغا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش، شۇنىڭدەك كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلار قېرىلىق دېۋەڭلىكىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
ياپونىيەدە چىقىدىغان «  » ژورنىلىدا، تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئەھۋاللار بولغان خىزمەتچىلەر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە ئوڭاي گىرىپتار بولىدۇ دەپ قارالغان:
1)ھېيت-ئايەملەردە سوۋغا-سالاملارغا ئىنتايىن قىزىقىدىغانلار.
2) يۇقىرىغا مۇتلەق بويسۇنۇپ، تۆۋەندىكىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىدىغانلار.
3) قول ئاستىدىكىلەرنىڭ تۆھپىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، ئۆز مەغلۇبىيىتىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغانلار.
4) ئارام كۈنلىرىدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىرتلارغا چىققاندا كاستوم-بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇك تاقىۋالىدىغانلار.
5) ئەدەبىيات-سەنئەتكە قىزىقىدىغان ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قىلغان پاراڭلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغانلار.
6) پاراڭ، چاقچاق خالىمايدىغانلار، يۇمۇرىستىك ھېسسىياتى كەمچىللەر.
7) مۈشۈك، ئىت قاتارلىق ھايۋانلارغا ئازراقمۇ كۆيۈنمەيدىغانلار.
8) خىزمەتداشلىرى ياكى قول ئاستىدىكىلەرنى ياقتۇرمايدىغانلار. خىزمەتداشلىرى ياكى دوستلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە، يۆتكىلىشىگە ئىنكاسى سەزگۈرلەر.
9) مۇزىكا، كىنولارغا قىلچە قىزىقمايدىغان، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇققا مەستانىلەر.
10)تۇرمۇشى زىيادە رىتىملىق، تەرتىپلىك بولغانلار.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر