ئۇيقۇسىزلىقنىڭ نېرۋا ئاجىزلىق بولۇشى ناتايىن

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئۇيقۇسىزلىقنى جەزمەن نېرۋا ئاجىزلىق دېگىلى بولمايدۇ. نېرۋا ئاجىزلىق- مېڭە ئىقتدارى پائالىيىتى ئۇزۇن مۇددەت زىيادە جىددىي بولۇشتىن پەيدا بولغان روھىي پائالىيەت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق نېرۋا ئاجىزلىقنىڭ ئاساسىي ئالامىتى بولۇپ %95 تىن كۆپرەك نېرۋا ئاجىزلىق بىمارلىرىدا ئۇيقۇسىزلىق بولىدۇ. لېكىن، ئۇيقۇسىزلىق نېرۋا ئاجىزلىق دېگەنلىك ئەمەس، نېرۋا ئاجىزلىق ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك بەش خىل بولىدۇ:
1.باش قىسمى جىددىيلىشىشتىن بىئارام بولۇش، مەسىلەن، باش قېيىش، چىڭقىلىش ۋە ئاغرىش قاتارلىقلار.
2.ئۇخلىيالماسلىق. مەسىلەن، ئاسان ئۇخلىيالماسلىق، ئوڭاي ئويغىنىپ كېتىش، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىپ ئاندىن ئۇخلىيالماسلىق دېگەندەك. يەنە ئاز بىر قسىىملاردا ئۇيقۇسىراش، كۆپ چۈش كۆرۈش، شۇنچە ئۇخلىسىمۇ ئۇيقۇسى قانماسلىق ئەھۋاللىرى بولىدۇ.
3.ئەقلىي ئەمگەك ئۈنۈمى تۆۋەنلەش. ئەقلىي ئەمگەكنى ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالماسلىق، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەستە تۇتۇشى ناچارلىشىش، ئادەتتىكى ئىشلارنى ئوڭاي ئۇنتۇپ قېلىش، ئازابلىق ئىشلارنى ئۇنتۇيالماسلىق.
4. ماغدۇرسىزلىق ۋە ھارغىنلىق. پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ، ھەمىشە ھارغىنلىق ھېس قىلىش.
5. تىت- تىت بولۇش، كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن چېچىلىش ۋە چېچىلىش سەۋەبىدىن يۈرىكى سېلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلار.
ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولىدۇ، شۇڭا ئۇيقۇسىزلىقنى نېرۋا ئاجىزلىققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئۇنى ئىدىيىۋى يۈك قىلىۋالغاندا ئۇيقۇسىزلىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر